باش بەت
بىز كىم
ug
العربية - عربي
English - إنجليزي
español - إسباني
português - برتغالي
Kiswahili - سواحيلي
Français - فرنسي
Русский - روسي
اردو - أردو
italiano - إيطالي
Türkçe - تركي
አማርኛ - أمهري
ไทย - تايلندي
සිංහල - سنهالي
Wikang Tagalog - فلبيني تجالوج
Tiếng Việt - فيتنامي
नेपाली - نيبالي
Hausa - هوسا
Wollof - ولوف
বাংলা - بنغالي
ئۇيغۇرچە - أيغوري
অসমীয়া - آسامي
فارسی - فارسي
فارسی دری - دري
azərbaycanca - أذري
Ўзбек - أوزبكي
Deutsch - ألماني
Shqip - ألباني
فلبيني مرناو - فلبيني مرناو
български - بلغاري
ဗမာ - بورمي
bosanski - بوسني
polski - بولندي
தமிழ் - تاميلي
татар теле - تتاري
română - روماني
svenska - سويدي
нохчийн мотт - شيشاني
Soomaali - صومالي
тоҷикӣ - طاجيكي
Pulaar - فولاني
कश्मीरी - كشميري
한국어 - كوري
македонски - مقدوني
bahasa Melayu - ملايو
മലയാളം - مليالم
magyar - هنجاري مجري
हिन्दी - هندي
Èdè Yorùbá - يوربا
ελληνικά - يوناني
қазақ тілі - كازاخي
עברית - عبري
中文 - صيني
Bahasa Indonesia - إندونيسي
dansk - دنماركي
پښتو - بشتو
أنكو - أنكو
Luganda - لوغندي
తెలుగు - تلقو
日本語 - ياباني
ትግርኛ - تجريني
Кыргызча - قرغيزي
Kurdî - كردي
Nederlands - هولندي
čeština - تشيكي
українська - أوكراني
eesti - إستوني
suomi - فنلندي
Адыгэбзэ - شركسي
Norwegian - نرويجي
ქართული - جورجي
tamashaq - طارقي
ދިވެހި - ديفهي
slovenčina - سلوفاكي
Türkmençe - تركماني
башҡорт теле - بلوشي
afaan oromoo - أورومو
ភាសាខ្មែរ - خميرية
ಕನ್ನಡ - كنادي
Bassa - الباسا
Lingala - لينغالا
lietuvių - ليتواني
bamanankan - بامبارا
Soninke - سوننكي
Malagasy - ملاغاشي
Mandinka - مندنكا
Sängö - سانجو
Српски - صربي
Afaraf - عفري
Kinyarwanda - كينيارواندا
Jóola - جوالا
Bi zimanê Kurdî - كردي كرمنجي
Akan - أكاني
Chichewa - شيشيوا
ગુજરાતી - غوجاراتية
Mõõré - موري
créole - كريولي
ພາສາລາວ - لاو
باش بەت
بىز كىم
Contact Us
مەھمۇد بىن لەبىيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن سىلەر ئۈچۈن ھەممىدىن بەكرەك ئەنسىرەيدىغان ن...
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈممىتى ئۈچۈن ھەممىدىن بەك ئەنسىرەيدىغان ئىشنىڭ كېچىك شېرىك ئىكەنلىكىنى، ئۇ بولسىمۇ كىشىلەر بىر-بىرىگە كۆز-كۆز قىلىپ قىلىدىغان...
ئەبى مەرسەد ئەلغەنەۋىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قەبرىدە ئولتۇرماڭلار ۋە قەبرىستاندا ناماز...
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قەبرىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇشتىن چەكلىدى. شۇنىڭدەك قەبرىگە قاراپ ناماز ئوقۇشتىنمۇ چەكلىدى، يەنى ناماز ئوقۇغۇچى قىبلىگە قاراپ قەب...
ئەبۇ تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «پەرىشتىلەر ئىت ۋە سۈرەت بار ئۆيگە كىرمەيدۇ» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى. ئىبنى ئۆمەر رەزىيە...
ھەدىسنىڭ مەنىسى: پەرىشتىلەر پاك، شەرەپلىك، ئىززەتلىك، تاللانغان مەخلۇقاتلاردىن بولۇپ، ئۇلار ئىت، ئىنسان ياكى ھايۋاننىڭ سۈرىتى بار ئۆيگە كېرىشتىن چەكلى...
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «پەرىشتىلەر ئىت ۋە قوڭغۇراق بار كارۋانغا ھەمراھ بولما...
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام، سەپەردە ئىتنى ھەمراھ قىلغان ۋە ئۇلاغنىڭ بوينىغا قۇڭغۇراق ئاسقان كارۋانغا پەرىشتىلەرنىڭ ھەمراھ بولمايدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى.
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ يېنىغا شەيتان كېلىپ: بۇنى كىم ي...
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شەيتاننىڭ مۇئمىننى ۋەسۋەسە قىلىپ كۆڭلىگە تاشلايدىغان سوئاللىرىدىن قۇرتۇلۇشنىڭ ئىلاجىنى بايان قىلىپ بەردى. شەيتان: بۇنى كىم يار...
مەن سىلەر ئۈچۈن ھەممىدىن بەكرەك ئەنسىرەيدىغان نەرسەم كېچىك شېرىك»، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! كېچىك شېرىك دېگەن نېمە؟دېۋىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «رىيا...
مەھمۇد بىن لەبىيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن سىلەر ئۈچۈن ھەممىدىن بەكرەك ئەنسىرەيدىغان نەرسەم كېچىك شېرىك»، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! كېچىك شېرىك دېگەن نېمە؟دېۋىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «رىيا ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ئىنسانلارنى قىلغان ئەمەللىرى بىلەن جازا-مۇكاپاتلىغاندا، :سىلەر دۇنيادا ماڭا شېرىك قىلغان شېرىكلىرىڭلارنىڭ يېنىغا بېرىڭلار، ئۇلاردىن بىرەر مۇكاپات تاپالامسىلەر قاراپ بىقىڭلار؟ دەيدۇ».
Hadeeth details
قەبرىدە ئولتۇرماڭلار ۋە قەبرىستاندا ناماز ئوقۇماڭلار»
ئەبى مەرسەد ئەلغەنەۋىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قەبرىدە ئولتۇرماڭلار ۋە قەبرىستاندا ناماز ئوقۇماڭلار» .
Hadeeth details
پەرىشتىلەر ئىت ۋە سۈرەت بار ئۆيگە كىرمەيدۇ
ئەبۇ تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «پەرىشتىلەر ئىت ۋە سۈرەت بار ئۆيگە كىرمەيدۇ» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: جەبرائىل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋەدە قىلىپ كېچىكىپ قالدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىچى پۇشۇپ سىرىتقا چىققاندا، جەبرائىل ئۇنىڭغا ئۇچراشتى، جىبرائىلغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىكىپ قالغانلىقى توغرۇلۇق گەپ قىلغان ئىدى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام: «بىز ئىت ۋە سۈرەت بار ئۆيگە كىرمەيمىز» دېدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېدى: جەبرائىل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلۇم بىر ۋاقىتتا كېلىشكە كېلىشىپ، ۋاقتى كەلگەندە جەبرائىل ئەلەيھىسسالام كەلمىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ مەلائىكىلىرى ۋەدىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ» دېگەن ھالدا قولىدىكى ھاسىنى تاشلاپ، ئۇياق-بۇياققا قارىسا، كارىۋىتىنىڭ ئاستىدا بىر ئىتنىڭ كۈچۈكى تۇرۇپتۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇ ئىت قاچان كىرىۋالدى؟» دېدى، مەن: بىلمەيمەن، دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇيرۇپ، ئۇنى چېقارغۇزىۋەتكەندىن كېيىن، جەبرائىل ئەلەيھىسسالام كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ۋەدە قىلغان ئىدىڭ، ساڭا قاراپ ئولتۇرسام كەلمىدىڭ» دېۋىدى، جەبرائىل: مېنى كېرىشتىن ئۆيۇڭدىكى ئىت توسۇپ قويدى، بىز ئىت ۋە سۈرەت بار ئۆيگە كىرمەيمىز، دېدى
Hadeeth details
پەرىشتىلەر ئىت ۋە قوڭغۇراق بار كارۋانغا ھەمراھ بولمايدۇ
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «پەرىشتىلەر ئىت ۋە قوڭغۇراق بار كارۋانغا ھەمراھ بولمايدۇ»
Hadeeth details
سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ يېنىغا شەيتان كېلىپ: بۇنى كىم ياراتتى؟ بۇنى كىم ياراتتى؟ دەيدۇ، ھەتتا رەببىڭنى كىم ياراتتى؟ دەيدۇ، مۇشۇ سۆزگە يەتكەندە، ئاللاھدىن پاناھلىق تەلەپ قىلسۇن ۋە تەپەككۇر قىلىشتىن توختىسۇن...
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ يېنىغا شەيتان كېلىپ: بۇنى كىم ياراتتى؟ بۇنى كىم ياراتتى؟ دەيدۇ، ھەتتا رەببىڭنى كىم ياراتتى؟ دەيدۇ، مۇشۇ سۆزگە يەتكەندە، ئاللاھدىن پاناھلىق تەلەپ قىلسۇن ۋە تەپەككۇر قىلىشتىن توختىسۇن».
Hadeeth details
كىم مېنىڭ يىقىن بەندەمنى دۈشمەن تۇتىسا مەن ئۇنىڭغا جەڭ ئىلان قىلىمەن، بەندەم مەن پەرز قىلغان ئەمەل-ئىبادەتتىنمۇ ياخشىراق بىر ئىش بىلەن ماڭا يېقىنلىشالمايدۇ،...
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئاللاھ: «كىم مېنىڭ يىقىن بەندەمنى دۈشمەن تۇتىسا مەن ئۇنىڭغا جەڭ ئىلان قىلىمەن، بەندەم مەن پەرز قىلغان ئەمەل-ئىبادەتتىنمۇ ياخشىراق بىر ئىش بىلەن ماڭا يېقىنلىشالمايدۇ، بەندەم ماڭا نەپلە ئىبادەت بىلەن يېقىنلىشىۋەرسە مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن، مەن ئۇنى ياخشى كۆرسەم ئۇنىڭ ئاڭلايدىغان قۇلىقى بولىمەن، كۆرىدىغان كۆزى بولىمەن، تۇتىدىغان قولى بولىمەن، ماڭىدىغان پۇتى بولىمەن، ئەگەر مەندىن بىر نەرسە سورىسا ئۇنىڭغا بېرىمەن، مەندىن پاناھلىق سورىسا ئۇنىڭغا پاناھلىق بېرىمەن، ھىچ ئىشىمدا مۇئمىننىڭ جېنىنى ئالغاندا ئىككىلەنگەندەك ئىككىلەنمىدىم، ئۇ ئۆلۈمنى ئۆچ كۆرىدۇ، مەن رەنجىتىشنى خالىمايمەن» دېدى.
Hadeeth details
ئاللاھقا تەقۋادار بولۇڭلار، ئەگەر سىلەرگە بىر قارا قۇل باشلىق بولسىمۇ، ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار ۋە بۇيرىقىغا ئىتائەت قىلىڭلار، مەن دۇنيادىن كەتكەندىن كېيىن ئاجايىپ ئىختىلاپلارنى كۆرىسىلەر، ئۇ ۋاقىتتا مېنىڭ سۈننىتىمگە، شۇنداقلا توغرا يول تۇتقۇ...
ئىرباز بىن سارىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر كۈنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنىڭ ئارىمىزدا تۇرۇپ بىزگە شۇنداق بىر ۋەز-نەسىھەت قىلدىكى، ئۇنىڭدىن دىللىرىمىز ئۆرتىنىپ، كۆزىمىزدىن ياشلار قۇيۇلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بىزگە گويا خوشلىشىدىغاندەك بىر ۋەز-نەسىھەت قىلدىلا، بىزگە سىلىدىن كېيىن چېڭ ئېسىلىدىغان بىر ۋەسىيەتنى قىلسىلا دېيىلگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:«ئاللاھقا تەقۋادار بولۇڭلار، ئەگەر سىلەرگە بىر قارا قۇل باشلىق بولسىمۇ، ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار ۋە بۇيرىقىغا ئىتائەت قىلىڭلار، مەن دۇنيادىن كەتكەندىن كېيىن ئاجايىپ ئىختىلاپلارنى كۆرىسىلەر، ئۇ ۋاقىتتا مېنىڭ سۈننىتىمگە، شۇنداقلا توغرا يول تۇتقۇچى ئىزباسار خەلىپىلەرنىڭ يولىغا ئەگىشىڭلار، ئۇنىڭغا چېڭ ئېسىلىڭلار، دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلاردىن بەك ھەزەر قىلىڭلار، ھەرقانداق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر».
Hadeeth details
ئەمىرگە ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتىپ، جامائەتتىن ئايرىلىپ ئۆلۈپ كەتكەن كىشى جاھىلىيەت ئۆلۈمىدە ئۆلگەن بولىدۇ
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەمىرگە ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتىپ، جامائەتتىن ئايرىلىپ ئۆلۈپ كەتكەن كىشى جاھىلىيەت ئۆلۈمىدە ئۆلگەن بولىدۇ، نىشانى ئېنىق بولمىغان بايراق ئاستىدا، تەرەپبازلىق ئۈچۈن قوزغىلىپ، تەرەپبازلىققا چاقىرىپ، تەرەپدارلىرىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىپ ئۆلۈپ كەتكەن كىشى، جاھىلىيەت ئۆلۈمىدە ئۆلگەن بولىدۇ. مېنىڭ ئۈممىتىمگە قارشى قورال كۆتۈرۈپ چىقىپ، ياخشى-يامان ھەممىنى ئۆلتۈرگەن، ئۈممەتنىڭ مۇئمىنلىرىنى ھېچ ئەيمەنمەستىن ئۆلتۈرگەن، ئارىدا كېلىشىم بولغان كىشىلەرنى ئەھدىگە ۋاپا قىلماي كېلىشىمنى بۇزۇپ ئۆلتۈرگەن كىشى مېنىڭ ئۈممىتىمدىن ئەمەس. مەنمۇ ئۇكىشىگە شاپائەت قىلغۇچى ئەمەسمەن».
Hadeeth details
ئاللاھ تائالا بىر كىشىنى ئىنسانلارنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل قىلىپ قويسا، ئۇ كىشى ئۆلگەندە، ئۆزى ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان كىشىلەرگە ساختىپەزلىك قىلىپ ئۆلگەن بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە جەننەتنى ھارام قىلىدۇ...
مەئقىل بىن يەسار مۇزەنىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا بىر كىشىنى ئىنسانلارنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل قىلىپ قويسا، ئۇ كىشى ئۆلگەندە، ئۆزى ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان كىشىلەرگە ساختىپەزلىك قىلىپ ئۆلگەن بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە جەننەتنى ھارام قىلىدۇ».
Hadeeth details
يېقىنقى زاماندا سىلەرگە ئەمىر ۋە باشلىقلار بولىدۇ، ئۇلارنىڭ بەزى ئىشلىرى شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولغانلىقى ئۈچۈن ئېتىراپ قىلىسىلەر، بەزى ئىشلىرىنى شەرىئەتكە زىت بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنكار قىلىسىلەر، ئۇنىڭ چەكلەنگەن ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ دىلى بىلەن ب...
مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «يېقىنقى زاماندا سىلەرگە ئەمىر ۋە باشلىقلار بولىدۇ، ئۇلارنىڭ بەزى ئىشلىرى شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولغانلىقى ئۈچۈن ئېتىراپ قىلىسىلەر، بەزى ئىشلىرىنى شەرىئەتكە زىت بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنكار قىلىسىلەر، ئۇنىڭ چەكلەنگەن ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ دىلى بىلەن بولسىمۇ ئۆچ كۆرسە، ئۆزىنى پاك تۇتقان بولىدۇ، ئىنكار قىلغان كىشى خاتالىقتىن ساقلىنىپ قالىدۇ، لېكىن ئۇنىڭغا رازى بولۇپ ئەگەشكەن كىشى ھالاك بولىدۇ» ساھابىلار: ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىمىزمۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ياق، ئۇلار نامازنى ئادا قىلغان مۇددەتتە ئۇلارغا قارىشى ئۇرۇش قىلمايسىلەر»دېدى.
Hadeeth details
يېقىندا تاللاش ۋە دىندا بولمىغان مۇنكەر ئىشلار بولىدۇ»، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئۇ ۋاقىتتا بىزنى نېمە قىلىشقا بۇيرىيلا؟ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام :«سىلەر ئۈستۈڭلاردىكى ھەقنى ئادا قىلىڭلار، سىلەرنىڭ ھەققىڭلارنى ئاللاھدىن سور...
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «يېقىندا تاللاش ۋە دىندا بولمىغان مۇنكەر ئىشلار بولىدۇ»، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئۇ ۋاقىتتا بىزنى نېمە قىلىشقا بۇيرىيلا؟ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام :«سىلەر ئۈستۈڭلاردىكى ھەقنى ئادا قىلىڭلار، سىلەرنىڭ ھەققىڭلارنى ئاللاھدىن سوراڭلار».
Hadeeth details
سىلەرنىڭ ھەممىڭلار مەسئۇلىيەت ئىگىسى، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ
ئابدۇللاھ بىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ ھەممىڭلار مەسئۇلىيەت ئىگىسى، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ، ئومۇمى ئىنسانلارنىڭ رەھبىرى چوڭ مەسئۇلىيەت ئىگىسى بولۇپ، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ، ئەر كىشى ئۆز ئائىلىسىنىڭ مەسئۇلىيەت ئىگىسى بولۇپ، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ، ئايال ئېرىنىڭ ئۆيىگە ۋە پەرزەنتىگە مەسئۇل بولۇپ، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ، خىزمەتچى خوجايىننىڭ ماللىرىغا مەسئۇل بولۇپ، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ. دىققەت قىلىڭلار!، ھەممىڭلار مەسئۇلىيەت ئىگىسى، سىلەرنىڭ ھەر بىرىڭلار ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ».
Hadeeth details
‹
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
...
25
26
›
Share
Use the QR code to easily share the message of Islam with others
Copy Link
copied!
بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ
×
ئىسىم
ئېلخەت
ئۇچۇر تېكىستى
بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ
×
ئۈچۈر يوللىغىنىڭىز ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمىز... ئاللاھ خالىسا قاراپ چىقىمىز
Share