باش بەت
بىز كىم
ug
العربية - عربي
English - إنجليزي
español - إسباني
português - برتغالي
Kiswahili - سواحيلي
Français - فرنسي
Русский - روسي
اردو - أردو
italiano - إيطالي
Türkçe - تركي
አማርኛ - أمهري
ไทย - تايلندي
සිංහල - سنهالي
Wikang Tagalog - فلبيني تجالوج
Tiếng Việt - فيتنامي
नेपाली - نيبالي
Hausa - هوسا
Wollof - ولوف
বাংলা - بنغالي
ئۇيغۇرچە - أيغوري
অসমীয়া - آسامي
فارسی - فارسي
فارسی دری - دري
azərbaycanca - أذري
Ўзбек - أوزبكي
Deutsch - ألماني
Shqip - ألباني
فلبيني مرناو - فلبيني مرناو
български - بلغاري
ဗမာ - بورمي
bosanski - بوسني
polski - بولندي
தமிழ் - تاميلي
татар теле - تتاري
română - روماني
svenska - سويدي
нохчийн мотт - شيشاني
Soomaali - صومالي
тоҷикӣ - طاجيكي
Pulaar - فولاني
कश्मीरी - كشميري
한국어 - كوري
македонски - مقدوني
bahasa Melayu - ملايو
മലയാളം - مليالم
magyar - هنجاري مجري
हिन्दी - هندي
Èdè Yorùbá - يوربا
ελληνικά - يوناني
қазақ тілі - كازاخي
עברית - عبري
中文 - صيني
Bahasa Indonesia - إندونيسي
dansk - دنماركي
پښتو - بشتو
أنكو - أنكو
Luganda - لوغندي
తెలుగు - تلقو
日本語 - ياباني
ትግርኛ - تجريني
Кыргызча - قرغيزي
Kurdî - كردي
Nederlands - هولندي
čeština - تشيكي
українська - أوكراني
eesti - إستوني
suomi - فنلندي
Адыгэбзэ - شركسي
Norwegian - نرويجي
ქართული - جورجي
tamashaq - طارقي
ދިވެހި - ديفهي
slovenčina - سلوفاكي
Türkmençe - تركماني
башҡорт теле - بلوشي
afaan oromoo - أورومو
ភាសាខ្មែរ - خميرية
ಕನ್ನಡ - كنادي
Bassa - الباسا
Lingala - لينغالا
lietuvių - ليتواني
bamanankan - بامبارا
Soninke - سوننكي
Malagasy - ملاغاشي
Mandinka - مندنكا
Sängö - سانجو
Српски - صربي
Afaraf - عفري
Kinyarwanda - كينيارواندا
Jóola - جوالا
Bi zimanê Kurdî - كردي كرمنجي
Akan - أكاني
Chichewa - شيشيوا
ગુજરાતી - غوجاراتية
Mõõré - موري
créole - كريولي
ພາສາລາວ - لاو
باش بەت
بىز كىم
Contact Us
ئەدىي بىن ھاتىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «يەھۇدىيلار غەزەپ قىلىنغانلار، خىرىستىيانلار ئازغۇنل...
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يەھۇدىيلارنىڭ ئاللاھ تائالا غەزەپ قىلغان قەۋم ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەردى چۈنكى ئۇلار ھەقنى تونۇپ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىدى. ناسارالار...
ئابدۇللاھ بىن ئەمىر بىن ئاس رەزىيەللاھۇئەنھۇ مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ: ئاللاھ تائالا ئاسمان ۋە زېمىننى يارىتىش...
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ خالايىقلارنىڭ ھاياتلىق، ئۆلۈم، رىزىق ۋە ئۇنىڭدىن باشقا يۈز بېرىدىغان بارلىق ئىشلىرىنى بېكىتىش بىلەن بىرگە ئۇ ئ...
ئابدۇللاھ بىن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە ھەدىس سۆزلەپ بەردى، ھالبۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام راس...
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىزگە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىس سۆزلەپ بەردى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سۆزدە راستچىل ۋە سۆزىنى ئاللاھ تە...
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جەننەت سىلەرنىڭ بىرىڭلارغا ئايىغىنىڭ بۇغۇچىدىنمۇ يېقىندۇر، دوزاخمۇ...
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جەننەت بىلەن دوزاخنىڭ ئىنسانغا پۇتىدىكى ئايىغىنىڭ بۇغۇچىدىنمۇ يېقىن ئېكەنلىكىنى بايان قىلىپ؛ ئىنسان ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشى...
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دوزاخ نەپسى شەھۋەتلەر بىلەن ئورالغان، جەننەت ياقتۇرۇ...
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دوزاخنىڭ ئىنسان كۆڭلى ئېشتىھا قېلىدىغان ھارام ئىشلار ياكى پەرز ئەمەللەرنى تەرك قىلىشتەك كەمچىللىكلەر بىلەن ئورالغانلىقىنى بايان...
يەھۇدىيلار غەزەپ قىلىنغانلار، خىرىستىيانلار ئازغۇنلار
ئەدىي بىن ھاتىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «يەھۇدىيلار غەزەپ قىلىنغانلار، خىرىستىيانلار ئازغۇنلار».
Hadeeth details
ئاللاھ تائالا ئاسمان ۋە زېمىننى يارىتىشتىن ئەللىك مىڭ يىل بۇرۇن
ئابدۇللاھ بىن ئەمىر بىن ئاس رەزىيەللاھۇئەنھۇ مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ: ئاللاھ تائالا ئاسمان ۋە زېمىننى يارىتىشتىن ئەللىك مىڭ يىل بۇرۇن خالايىقلارنىڭ تەقدىرىنى پۈتىۋەتكەن، ئاللاھنىڭ ئەرشى سۇنىڭ ئۈستىدە ئېدى دېدى».
Hadeeth details
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە ھەدىس سۆزلەپ بەردى، ھالبۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام راست سۆزلۈگۈچى ۋە سۆزى تەستىقلانغۇچىدۇر:«ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ يارىتىلىشى، ئانىسىنىڭ قورسىقىدا قېرىق كېچە-كۈندۈز...
ئابدۇللاھ بىن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە ھەدىس سۆزلەپ بەردى، ھالبۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام راست سۆزلۈگۈچى ۋە سۆزى تەستىقلانغۇچىدۇر:«ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ يارىتىلىشى، ئانىسىنىڭ قورسىقىدا قېرىق كېچە-كۈندۈز مەنىيلىك ھالەتتە بولىدۇ، ئاندىن شۇنىڭغا ئوخشاش مۇددەتتە ئۇيۇل قان ھالىتىدە بولىدۇ، ئاندىن شۇنىڭغا ئوخشاش مۇددەتتە چاينالغان گۆشتەك ھالەتتە بولىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا بىر پەرىشتە ئەۋەتىلىدۇ، تۆت تۈرلۈك ئىشنى يېزىشقا بۇيرىلىدۇ، ئۇ تۆرەلمىنىڭ رىزقى، ئەجەلى، ئەمەلى، بەختلىك ياكى بەختسىز بولىشى يېزىلىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا روھ پۈدىلىنىدۇ، ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئەلۋەتتە جەننەت ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلىدۇ ھەتتا ئۇ كىشى بىلەن جەننەتنىڭ ئارىسىدا پەقەت بىر غۇلاچ ئارىلىق قالغاندا، ئۇ كىشىگە تەقدىردە يېزىلغان كىتاپ ئىلگىرى بولۇپ، دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلىپ شۇنىڭ بىلەن دوزاخقا كېرىپ كېتىدۇ، ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئەلۋەتتە دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلىدۇ ھەتتا ئۇ كىشى بىلەن دوزاخنىڭ ئارىسىدا پەقەت بىر غۇلاچ ئارىلىق قالغاندا، ئۇ كىشىگە تەقدىردە يېزىلغان كىتاپ ئىلگىرى بولۇپ، جەننەت ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلىپ شۇنىڭ بىلەن جەننەتكە كېرىپ كېتىدۇ».
Hadeeth details
جەننەت سىلەرنىڭ بىرىڭلارغا ئايىغىنىڭ بۇغۇچىدىنمۇ يېقىندۇر، دوزاخمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش يېقىندۇر
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جەننەت سىلەرنىڭ بىرىڭلارغا ئايىغىنىڭ بۇغۇچىدىنمۇ يېقىندۇر، دوزاخمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش يېقىندۇر».
Hadeeth details
دوزاخ نەپسى شەھۋەتلەر بىلەن ئورالغان، جەننەت ياقتۇرۇلمايدىغان ئىشلار بىلەن ئورالغان
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دوزاخ نەپسى شەھۋەتلەر بىلەن ئورالغان، جەننەت ياقتۇرۇلمايدىغان ئىشلار بىلەن ئورالغان».
Hadeeth details
ئاللاھ تائالا جەننەت ۋە دوزاخنى پەيدا قىلغان ۋاقىتتا جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنى
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا جەننەت ۋە دوزاخنى پەيدا قىلغان ۋاقىتتا جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنى جەننەتكە ئەۋەتىپ مۇنداق دېدى: سەن جەننەتكە ۋە جەننەت ئەھلى ئۈچۈن جەننەتتە تەييارلانغان نەرسىلەرگە قاراپ باققىن دېدى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام جەننەتكە قاراپ بىقىپ قايتىپ كېلىپ: سېنىڭ ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى! جەننەتنى ئاڭلىغان كىشى جەننەتكە كېرىدىكەن دېدى، ئاللاھ تائالا جەننەتنىڭ ئەتراپىنى ئىنسانغا قىيىن بولىدىغان كۆڭلى خالىمايدىغان ئىشلار بىلەن ئورىۋېتىشكە بۇيرىدى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنى: سەن جەننەتكە بېرىپ جەننەتكە ۋە جەننەت ئەھلى ئۈچۈن جەننەتتە تەييارلانغان نەرسىلەرگە قاراپ باققىن دېدى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام جەننەتكە بىرىپ قارىسا، جەننەتنىڭ ئەتراپى ئىنسانغا قىيىن بولىدىغان كۆڭلى خالىمايدىغان ئىشلار بىلەن ئورىۋېتىلگەن، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام قايتىپ كېلىپ: سېنىڭ ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى! ھېچ بىر ئىنساننى جەننەتكە كېرەلمەي قالامدىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن دېدى، ئاللاھ تائالا جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنى دوزاخقا ئەۋەتىپ مۇنداق دېدى: سەن دوزاخقا ۋە دوزاخ ئەھلى ئۈچۈن دوزاختا تەييارلانغان نەرسىلەرگە قاراپ باققىن دېدى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام دوزاخقا قارىسا دوزاخنىڭ بەزىسى بەزىسىگە كېرىشىپ كەتكەن، قايتىپ كېلىپ: سېنىڭ ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى! دوزاخنى ئاڭلىغان ھېچ كىشى دوزاخقا كىرمەيدۇ دېدى، ئاللاھ تائالا دوزاخنىڭ ئەتراپىنى ئىنساننىڭ كۆڭلى تارتىدىغان ۋە مايىل بولىدىغان ئىشلار بىلەن ئورىۋېتىشكە بۇيرىدى، ئاللاھ تائالا جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنى قايتىدىن دوزاخقا قاراپ باققىن دېدى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام دوزاخقا قارىسا، دوزاخنىڭ ئەتراپى ئىنساننىڭ كۆڭلى تارتىدىغان ۋە مايىل بولىدىغان ئىشلار بىلەن ئورىۋېتىلگەن، قايتىپ كېلىپ: سېنىڭ ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى! ھېچ بىر كىشىنىڭ دوزاختىن قۇتۇلالماي ھەممىسى كېرىپ كىتەمدىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن دېدى».
Hadeeth details
سىلەرنىڭ دۇنيادىكى ئوتۇڭلار جەھەننەم ئوتىنىڭ يەتمىشتىن بىر قىسمىدۇر
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ دۇنيادىكى ئوتۇڭلار جەھەننەم ئوتىنىڭ يەتمىشتىن بىر قىسمىدۇر»، ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! دۇنيانىڭ ئوتىمۇ كۇپايە قىلاتتىغۇ؟ دېيىلگەن ئېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «دۇنيانىڭ ئوتىغا ئاتمىش توققۇز ھەسسە ئارتۇق قىلىندى، ھەممىسىنىڭ كۆيدۈرىشى دۇنيانىڭ ئوتىغا ئوخشايدۇ» دېدى.
Hadeeth details
ئاللاھ تائالا زېمىننى چاڭگاللايدۇ، ئاسماننى ئوڭ قولى بىلەن قاتلايدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن:«مانا مەن پادىشاھ! زېمىننىڭ پادىشاھلىرى قىنە؟!» دەيدۇ...
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: «ئاللاھ تائالا زېمىننى چاڭگاللايدۇ، ئاسماننى ئوڭ قولى بىلەن قاتلايدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن:«مانا مەن پادىشاھ! زېمىننىڭ پادىشاھلىرى قىنە؟!» دەيدۇ.
Hadeeth details
قىيامەت كۈنىدە ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا بەك ئازابلىنىدىغان كىشى ئاللاھ ياراتقان نەرسىلەرگە ئوخشاش نەرسىلەرنى شەكىللەندۈرگەن كىشىلەردۇر...
مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلغان ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنىڭ يېنىمغا كىردى، مەن نەرسە-كېرەك قويىدىغان تاكچىغا سۈرەت بار رەخت بىلەن پەردە قىپتىمەن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنى كۆرۈپ، چىرايى ئۆزگۈرۈپ، ئاچچىغى كېلىپ، پەردىنى تارتىپ ئېلىۋېتىپ: «ئەي ئائىشە! قىيامەت كۈنىدە ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا بەك ئازابلىنىدىغان كىشى ئاللاھ ياراتقان نەرسىلەرگە ئوخشاش نەرسىلەرنى شەكىللەندۈرگەن كىشىلەردۇر»دېدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ:« بىز ئۇ رەختنى كېسىپ بىر دانە ياكى ئككى دانە ياستۇق قىلىۋەتتۇق».
Hadeeth details
مېنىڭ جىنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەم! يېقىندا سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا ئىسا بىن مەريەم چۈشۈپ ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ، كېرست بەلگىسىنى سۇندۇرىدۇ، چوشقىلارنى ئۆلتۈرىدۇ، باجنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، مال بەك كۆپ بولۇپ كېتىپ ھەتتا زاكاتنى قوبۇل...
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ جىنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەم! يېقىندا سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا ئىسا بىن مەريەم چۈشۈپ ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ، كېرست بەلگىسىنى سۇندۇرىدۇ، چوشقىلارنى ئۆلتۈرىدۇ، باجنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، مال بەك كۆپ بولۇپ كېتىپ ھەتتا زاكاتنى قوبۇل قىلىدىغانغا ئادەم تاپالماي قالىدۇ».
Hadeeth details
ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاق يوق دېگىن، مەن بۇ سۆز بىلەن قىيامەت كۈنى ساڭا گۇۋالىق بېرىمەن
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاغىسىغا مۇنداق دېدى: «ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاق يوق دېگىن، مەن بۇ سۆز بىلەن قىيامەت كۈنى ساڭا گۇۋالىق بېرىمەن» تاغىسى: قۇرەيشنىڭ مېنى ئەيىپلىشىدىن قورۇقمىسام دەيتتىم، ئۇلار: ئەبۇ تالىپ ئۆلۈمدىن قورقۇپ دېدى دېمەيدىغان بولسا ئېدى، مەن ئەلۋەتتە سېنىڭ كۆڭلۈڭنى خوش قىلاتتىم دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا مۇنۇ ئايەتنى نازىل قىلدى:«إِنَّكَ لا تَهْدِي مَنْ أَحْبَبْتَ وَلَكِنَّ اللهَ يَهْدِي مَنْ يَشَاءُ» تەرجىمىسى: شۈبھىسىزكى، سەن خالىغان ئادىمىڭنى ھىدايەت قىلالمايسەن، لېكىن ئاللاھ ئۆزى خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، ئاللاھ ھىدايەت تاپقۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ» [سۈرە قەسەس 56-ئايەت].
Hadeeth details
مېنىڭ كۆلۈمنىڭ دائىرسى بىر ئايلىق مۇساپىدۇر، ئۇنىڭ سۈيى سۈتتىن ئاق، پۇرىقى مىسكىنىڭ پۇرىقىدىن خۇشپۇراقتۇر
ئابدۇللاھ بىن ئەمىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ كۆلۈمنىڭ دائىرسى بىر ئايلىق مۇساپىدۇر، ئۇنىڭ سۈيى سۈتتىن ئاق، پۇرىقى مىسكىنىڭ پۇرىقىدىن خۇشپۇراقتۇر، ئۇنىڭ قاچىلىرى ئاسماندىكى يۇلتۇزدەك كۆپتۇر، ئۇنىڭ سۈيىنى ئېچكەن كىشى ئەبەدى ئۇسسىمايدۇ».
Hadeeth details
‹
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
...
25
26
›
Share
Use the QR code to easily share the message of Islam with others
Copy Link
copied!
بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ
×
ئىسىم
ئېلخەت
ئۇچۇر تېكىستى
بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ
×
ئۈچۈر يوللىغىنىڭىز ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمىز... ئاللاھ خالىسا قاراپ چىقىمىز
Share