باش بەت
بىز كىم
ug
العربية - عربي
English - إنجليزي
español - إسباني
português - برتغالي
Kiswahili - سواحيلي
Français - فرنسي
Русский - روسي
اردو - أردو
italiano - إيطالي
Türkçe - تركي
አማርኛ - أمهري
ไทย - تايلندي
සිංහල - سنهالي
Wikang Tagalog - فلبيني تجالوج
Tiếng Việt - فيتنامي
नेपाली - نيبالي
Hausa - هوسا
Wollof - ولوف
বাংলা - بنغالي
ئۇيغۇرچە - أيغوري
অসমীয়া - آسامي
فارسی - فارسي
فارسی دری - دري
azərbaycanca - أذري
Ўзбек - أوزبكي
Deutsch - ألماني
Shqip - ألباني
فلبيني مرناو - فلبيني مرناو
български - بلغاري
ဗမာ - بورمي
bosanski - بوسني
polski - بولندي
தமிழ் - تاميلي
татар теле - تتاري
română - روماني
svenska - سويدي
нохчийн мотт - شيشاني
Soomaali - صومالي
тоҷикӣ - طاجيكي
Pulaar - فولاني
कश्मीरी - كشميري
한국어 - كوري
македонски - مقدوني
bahasa Melayu - ملايو
മലയാളം - مليالم
magyar - هنجاري مجري
हिन्दी - هندي
Èdè Yorùbá - يوربا
ελληνικά - يوناني
қазақ тілі - كازاخي
עברית - عبري
中文 - صيني
Bahasa Indonesia - إندونيسي
dansk - دنماركي
پښتو - بشتو
أنكو - أنكو
Luganda - لوغندي
తెలుగు - تلقو
日本語 - ياباني
ትግርኛ - تجريني
Кыргызча - قرغيزي
Kurdî - كردي
Nederlands - هولندي
čeština - تشيكي
українська - أوكراني
eesti - إستوني
suomi - فنلندي
Адыгэбзэ - شركسي
Norwegian - نرويجي
ქართული - جورجي
tamashaq - طارقي
ދިވެހި - ديفهي
slovenčina - سلوفاكي
Türkmençe - تركماني
башҡорт теле - بلوشي
afaan oromoo - أورومو
ភាសាខ្មែរ - خميرية
ಕನ್ನಡ - كنادي
Bassa - الباسا
Lingala - لينغالا
lietuvių - ليتواني
bamanankan - بامبارا
Soninke - سوننكي
Malagasy - ملاغاشي
Mandinka - مندنكا
Sängö - سانجو
Српски - صربي
Afaraf - عفري
Kinyarwanda - كينيارواندا
Jóola - جوالا
Bi zimanê Kurdî - كردي كرمنجي
Akan - أكاني
Chichewa - شيشيوا
ગુજરાતી - غوجاراتية
Mõõré - موري
créole - كريولي
ພາສາລາວ - لاو
باش بەت
بىز كىم
Contact Us
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن بايان قىلغان ھەدىستە، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«بەندەم بىر گۇنا...
پەيغەمبەرئەلەيھسىسالام ئاللاھ تائالادىن بايان قىلغان ھەدىستە، بىر كىشى گۇناھ قىلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن: ئى رەببىم! گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغىن دېسە، ئاللاھ...
ئەلى رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن شۇنداق بىر كىشى ئېدىمكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بىر ھەدىسنى ئاڭلىسام ئاللاھ تائالا ماڭا ئۇ ھەدىستىن مەنپەئە...
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇنداق خەۋەر بېرىدۇكى: ھەر قانداق بىر ئىنسان گۇناھ قىلسا، تاھارەتنى كامىل ئىلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ قىلغان مۇشۇ خاتا...
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « ئاللاھ تائالا ھەر كېچىسى كېچىنىڭ ئاخىرىقى ئۈچتىن بى...
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ھەر كېچىسى كېچىنىڭ ئاخىرىقى ئۈچتىن بىرىدە دۇنيانىڭ ئاسمىنىغا چۈشۈپ بەندىلىرىنى ئۆزىگە دۇئا قىلىشقا رىغبەتلەندۈ...
نۇئمان ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئېدىم: «ھەقىقەتەن ھالالمۇ ئېنىقتۇر، ھارا...
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە نەرسىلەر توغرىسىدىكى ئومۇمى قائىدىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، نەرسىلەر شەرىئەتتە ئۈچ تۈرگە ئايرىلىدۇ: ئېنىق ھالال، ئېنىق...
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن بىر كۈنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلىغىنىڭ كەينىگە مىنگەشكەن ئىدىم، پەيغەمبەر ئەل...
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ كېچىك ۋاقتىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كەينىگە مىنگىشىپ ماڭغاندا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىگە مۇنداق دېگەن...
بەندەم بىر گۇناھنى قىلىپ، ئاندىن: ئى ئاللاھ! گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغىن دېسە
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن بايان قىلغان ھەدىستە، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«بەندەم بىر گۇناھنى قىلىپ، ئاندىن: ئى ئاللاھ! گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغىن دېسە، ئاللاھ تائالا: بەندەم گۇناھ قىلىپ، ئۆزىنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدىغان ۋە جازالايدىغان رەببىنىڭ بارلىقىنى بىلدى دەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن قايتا گۇناھ قىلىپ، ئى رەببىم! گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغىن دېسە، ئاللاھ تائالا: بەندەم گۇناھ قىلىپ، ئۆزىنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدىغان ۋە جازالايدىغان رەببىنىڭ بارلىقىنى بىلدى دەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن قايتا گۇناھ قىلىپ، ئى رەببىم! گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغىن دېسە، ئاللاھ تائالا: بەندەم گۇناھ قىلىپ، ئۆزىنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدىغان ۋە جازالايدىغان رەببىنىڭ بارلىقىنى بىلدى، خالىغاننى قىلغىن، سېنى ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلدىم دەيدۇ»
Hadeeth details
بىر كىشى بىر گۇناھنى قىلىپ ئۇنىڭدىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ، تاھارەت ئېلىپ، ئىككى رەكئەت ناماز ئادا قىلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تەلەپ قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى مەغپىرەت قىلىدۇ...
ئەلى رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن شۇنداق بىر كىشى ئېدىمكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بىر ھەدىسنى ئاڭلىسام ئاللاھ تائالا ماڭا ئۇ ھەدىستىن مەنپەئەت بېرىشنى خالىغان نەرسە بىلەن مەنپەئەت بېرەتتى، ساھابىلاردىن بىر كىشى ھەدىس سۆزلەپ بەرسە، مەن ئۇ كىشىدىن قەسەم قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلاتتىم، ماڭا قەسەم قىلىپ بەرسە ئۇ كىشىنىڭ ھەدىسىنى تەستىقلايتتىم. ھەقىقەتەن ماڭا ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ بەردى، ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ راست سۆزلەيدىغان كىشى، ئۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم دەيدۇ: «بىر كىشى بىر گۇناھنى قىلىپ ئۇنىڭدىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ، تاھارەت ئېلىپ، ئىككى رەكئەت ناماز ئادا قىلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تەلەپ قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى مەغپىرەت قىلىدۇ» ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئايەتنى تىلاۋەت قىلدى:﴿وَالَّذِينَ إِذَا فَعَلُوا فَاحِشَةً أَوْ ظَلَمُوا أَنْفُسَهُمْ ذَكَرُوا اللهَ فَاسْتَغْفَرُوا لِذُنُوبِهِمْ﴾ تەرجىمىسى:«تەقۋادارلار يامان بىر گۇناھ قىلىپ قالسا ياكى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلسا ئاللاھنى ياد ئېتىدۇ، گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ» [سۈرە ئال ئىمران 135-ئايەت].
Hadeeth details
ئاللاھ تائالا ھەر كېچىسى كېچىنىڭ ئاخىرىقى ئۈچتىن بىرى قالغاندا دۇنيانىڭ ئاسمىنىغا چۈشۈپ
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « ئاللاھ تائالا ھەر كېچىسى كېچىنىڭ ئاخىرىقى ئۈچتىن بىرى قالغاندا دۇنيانىڭ ئاسمىنىغا چۈشۈپ، مۇنداق دەيدۇ: «كىم ماڭا دۇئا قىلسا دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن، كىم مەندىن بىر نەرسە سورىسا، سورىغىنىنى بېرىمەن، كىم مەندىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلسا ئۇنى ئەپۇ قىلىمەن؟دەيدۇ».
Hadeeth details
ھەقىقەتەن ھالالمۇ ئېنىقتۇر، ھاراممۇ ئېنىقتۇر
نۇئمان ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئېدىم: «ھەقىقەتەن ھالالمۇ ئېنىقتۇر، ھاراممۇ ئېنىقتۇر، بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا نۇرغۇن كىشىلەر بىلەلمەيدىغان شۈبھىلىك ئىشلار بار، شۈبھىلىك ئىشلاردىن ساقلانغان كىشى ئۆزىنىڭ دىنىنى ۋە يۈز ئابرۇيىنى ساقلاپ قالىدۇ، شۈبھىلىك ئىشقا كېرىپ قالغان كىشى ھارامغا كېرىپ قالىدۇ، خۇددى چىگرا ئەتراپىدا قوي باققان كىشىنىڭ قويلىرى چىگرادىن ئۆتۈپ كەتكىنىدەك، دىققەت قىلىڭلار! ھەر بىر پادىشاھنىڭ چەكلەيدىغان-قوغدايدىغان ئورۇنلىرى بولىدۇ، دىققەت قىلىڭلار! ئاللاھنىڭ چەكلىگەن ئورۇنلىرى ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشلاردۇر، دىققەت قىلىڭلار! ئىنسان بەدىنىدە بىر پارچە گۆش بولۇپ ئۇ ساغالام بولسا پۈتۈن بەدەن ساغلام بولىدۇ، ئۇ بۇزۇلسا پۈتۈن بەدەن بۇزىلىدۇ، ئۇ قەلىبتىن ئىبارەتتۇر».
Hadeeth details
ئى ئوغۇل! مەن ساڭا بىر قانچە سۆزلەرنى ئۈگىتىپ قوياي: سەن ئاللاھنى ياد ئەتسەڭ، ئاللاھ سېنى ياد ئېتىدۇ، سەن ئاللاھنى ياد ئەتسەڭ، ئاللاھنى سەن تەرەپتە تاپىسەن، بىر نەرسە سورىساڭ ئاللاھدىن سورا، ياردەم تەلەپ قىلساڭ ئاللاھدىن تەلەپ قىلغىن...
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن بىر كۈنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلىغىنىڭ كەينىگە مىنگەشكەن ئىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«ئى ئوغۇل! مەن ساڭا بىر قانچە سۆزلەرنى ئۈگىتىپ قوياي: سەن ئاللاھنى ياد ئەتسەڭ، ئاللاھ سېنى ياد ئېتىدۇ، سەن ئاللاھنى ياد ئەتسەڭ، ئاللاھنى سەن تەرەپتە تاپىسەن، بىر نەرسە سورىساڭ ئاللاھدىن سورا، ياردەم تەلەپ قىلساڭ ئاللاھدىن تەلەپ قىلغىن، بىلگىنكى! ئۈممەتنىڭ ھەممىسى بىرلىشىپ ساڭا بىر نەرسە بىلەن مەنپەئەت يەتكۈزمەكچى بولسا ئۇلار ساڭا پەقەت ئاللاھ تەقدىر قىلغان نەرسىدىن باشقا نەرسىنى مەنپەئەت يەتكۈزەلمەيدۇ، ئەگەر ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىرلىشىپ ساڭا بىر نەرسە بىلەن زىيان يەتكۈزمەكچى بولسا ئۇلار ساڭا پەقەت ئاللاھ تائالا تەقدىر قىلغان نەرسىدىن باشقا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، قەلەملەر كۆتۈرۈلدى، سەھىپىلەر قۇرىدى».
Hadeeth details
ماڭا ئىسلامدا بىر سۆزنى دەپ بەرسىلە، مەن ئۇ سۆز توغرىسىدا سىلىدىن باشقا ھېچ كىشىدىن سورىمايمەن دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:«ئاللاھقا ئىشەندىم دەپ ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ سۆزنىڭ تەقەززاسى بىلەن مۇستەھكەم تۇرغىن...
سۇپيان بىن ئابدۇللاھ سەقەپىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن: ئى ئاللاھنىڭ رۇسۇلى! ماڭا ئىسلامدا بىر سۆزنى دەپ بەرسىلە، مەن ئۇ سۆز توغرىسىدا سىلىدىن باشقا ھېچ كىشىدىن سورىمايمەن دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:«ئاللاھقا ئىشەندىم دەپ ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ سۆزنىڭ تەقەززاسى بىلەن مۇستەھكەم تۇرغىن».
Hadeeth details
مۇئمىنلارنىڭ ئۆزئارا دوستلىقى، كۆيۈنىشى ۋە مېھرىبانلىقىنىڭ مىسالى بىر بەدەنگە ئوخشايدۇ، ئۇيقۇسىزلىق ۋە قىزىتمىغا ئوخشاش بەدەندىن بىر ئەزا ئاغرىپ قالسا، پۈتۈن بەدەن بىئارەم بولىدۇ...
نۇئمان بىن بەشىير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇئمىنلارنىڭ ئۆزئارا دوستلىقى، كۆيۈنىشى ۋە مېھرىبانلىقىنىڭ مىسالى بىر بەدەنگە ئوخشايدۇ، ئۇيقۇسىزلىق ۋە قىزىتمىغا ئوخشاش بەدەندىن بىر ئەزا ئاغرىپ قالسا، پۈتۈن بەدەن بىئارەم بولىدۇ»
Hadeeth details
كىمكى تاھارەت ئالغاندا مۇكەممەل ،تولۇق ئالسا، ئۇ كىشىنىڭ پۈتۈن بەدىنىدىكى خاتالىقلارنىڭ ھەممىسى چېقىپ كېتىدۇ ھەتتا تىرنىقىنىڭ ئاستىدىكى خاتالىقلارمۇ چېقىپ كېتىدۇ...
ئوسمان بىن ئەپپان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى تاھارەت ئالغاندا مۇكەممەل ،تولۇق ئالسا، ئۇ كىشىنىڭ پۈتۈن بەدىنىدىكى خاتالىقلارنىڭ ھەممىسى چېقىپ كېتىدۇ ھەتتا تىرنىقىنىڭ ئاستىدىكى خاتالىقلارمۇ چېقىپ كېتىدۇ».
Hadeeth details
سىلەر ھاجەتخانىغا كىرسەڭلا، قىبلە تەرەپكە ئالدىڭلارنىمۇ قىلماڭلار، كەينىڭلارنىمۇ قىلماڭلار، لېكىن شەرىق ۋە غەرىپ تەرەپكە قاراڭلار...
ئەبۇ ئەييۇب ئەلئەنسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: سىلەر ھاجەتخانىغا كىرسەڭلا، قىبلە تەرەپكە ئالدىڭلارنىمۇ قىلماڭلار، كەينىڭلارنىمۇ قىلماڭلار، بەلكى شەرىق ۋە غەرىپ تەرەپكە قاراڭلار. ئەبۇ ئەييۇب مۇنداق دەيدۇ: بىز شامغا كەلسەك، ھاجەتخانىلار قىبلىگە قارتىلىپ سېلىنغان ئىكەن، بىز ئىستىغپار ئېيتىپ ھاجەتخانىدا يانچە ئولتۇردۇق
Hadeeth details
سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ تاھارىتى بۇزۇلسا تاھارەت ئالمىغۇچە ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ نامىزىنى قوبۇل قىلمايدۇ
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ تاھارىتى بۇزۇلسا تاھارەت ئالمىغۇچە ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ نامىزىنى قوبۇل قىلمايدۇ».
Hadeeth details
بىر كىشى تاھارەت ئىلىپ پۇتىنىڭ تاپىنىدىن تىرناقچىلىك ئورۇننى چالا قويدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنى كۆرۈپ ئۇ كىشىگە:« قايتىپ تاھارەتنى چېرايلىق، تولۇق ئالغىن»دېدى، ئۇ كىشى قايتا تاھارەت ئىلىپ ئاندىن نامازنى ئادا قىلدى...
جابىر رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ماڭا ئۆمەر بىن خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەۋەر قىلدى: بىر كىشى تاھارەت ئىلىپ پۇتىنىڭ تاپىنىدىن تىرناقچىلىك ئورۇننى چالا قويدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنى كۆرۈپ ئۇ كىشىگە:« قايتىپ تاھارەتنى چېرايلىق، تولۇق ئالغىن»دېدى، ئۇ كىشى قايتا تاھارەت ئىلىپ ئاندىن نامازنى ئادا قىلدى.
Hadeeth details
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر قېتىم ناماز
ئەمرۇ بىن ئامىردىن ئۇ كىشى ئەنەس بىن مالىكتىن بايان قىلغان ھەدىستە ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر قېتىم ناماز ئادا قىلىدىغان ۋاقىتتا تاھارەت ئالاتتى، مەن: سىلەر قانداق قىلاتتىڭلار؟ دەپ سورىسام، ئەنەس: بىزلەرنىڭ بىرىمىزنىڭ تاھارىتى بۇزۇلمىغان بولسا شۇ تاھارەت بىلەن ناماز قىلاتتۇق دېدى.
Hadeeth details
‹
1
2
...
5
6
7
8
9
10
11
...
25
26
›
Share
Use the QR code to easily share the message of Islam with others
Copy Link
copied!
بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ
×
ئىسىم
ئېلخەت
ئۇچۇر تېكىستى
بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ
×
ئۈچۈر يوللىغىنىڭىز ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمىز... ئاللاھ خالىسا قاراپ چىقىمىز
Share