- تاھارەتنىڭ سۈننەتلىرى، ئەدەپلىرىنى ئۈگىنىشكە، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا ۋە كۆڭۈل بۆلۈشكە قىزىقتۇرۇش.
- تاھارەتنىڭ پەزىلەتلىرىدىن؛ ئۇ كېچىك گۇناھلارغا كاپارەت بولىدۇ، ئەمما چوڭ گۇناھلارغا بولسا چوقۇم تەۋبە قىلىش كېرەك بولىدۇ.
- خاتالىقلارنىڭ چېقىپ كېتىشىنىڭ شەرتى: تاھارەتنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بايان قىلىپ بەرگەندەك سۈننەت، ئەدەپلىرىگە رىئايە قىلىپ كامىل ئېلىشتۇر.
- بۇ ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك؛ خاتالىقلارنىڭ كاپارەت بولۇشى چوڭ گۇناھلاردىن يىراق بولۇش ۋە ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىشقا مۇناسىۋەتلىكدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «إِنْ تَجْتَنِبُوا كَبَائِرَ مَا تُنْهَوْنَ عَنْهُ نُكَفِّرْ عَنْكُمْ سَيِّئَاتِكُمْ» تەرجىمىسى: «ئەگەر سىلەر مەنئى قىلىنغان چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانساڭلار، كىچىك گۇناھلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىمىز» [سۈرە نىسا 31-ئايەت].