- ياخشىلىققا بۇيرۇشقا، ناداننى، غاپىلنى، جاھىلنى توغرا يولغا يېتەكلەشكە ئالدىراشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكى، بولۇپمۇ ئىبادەتكە بۇزۇلۇش تەرتىپ بېرىلىدىغان مۇنكەرنى ئۆزگەرتىشكە بەك ئالدىراش كېرەك.
- تاھارەتتە يۇيۇلىدىغان ئەزالارنىڭ ھەممىسىنى سۇ بىلەن تولۇق يۇيۇش ۋاجىپ، ئەگەر ئۇ ئەزالىرىدىن بەزىسىنى ياكى ئازراق بىر يېرىنى يۇماي قويسا ئالغان تاھارەتنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقى، ئەگەر ئارىدىن كۆپ ۋاقىت ئۆتكەن بولسا تاھارەتنى قايتىدىن ئېلىش كېرەكلىكى بايان قىلىنىدۇ.
- تاھارەتنى چېرايلىق ئېلىش يولغا قويۇلغان، ئۇ بولسىمۇ: شەرىئەتتە بۇيرىغان يول بويىنچە مۇكەممەل، كامىل ئېلىشتىن ئىبارەتتۇر.
- ئىككى قەدەممۇ تاھارەتتە يۇيىدىغان ئەزالاردىن، ئۇ ئىككىسىگە مەسىھ قىلىش كۇپايە قىلمايدۇ بەلكى تولۇق يۇيۇش كېرەك.
- تاھارەتتە يۇيىدىغان ئەزالارنى ئارقىمۇ-ئارقا ئۈزۈلدۈرمەي يۇيۇش كېرەك، كىيىنكى ئەزانى ئۇنىڭدىن بۇرۇن يۇغان ئەزا قۇرۇپ بولۇشتىن ئىلگىرى يۇيۇش كېرەك.
- بىلمەسلىك ۋە ئۇنتۇپ قىلىش ۋاجىپنى يوق قىلىۋېتەلمەيدۇ، پەقەت گۇناھنى يوق قىلىدۇ، بۇ كىشى بىلمەسلىكتىن تاھارەتنى كامىل ئالمىغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىدىن ۋاجىپنى چۈشۈرۋەتمىگەن ئۇ بولسىمۇ تاھارەتتىن ئىبارەتتۇر. شۇنداقلا ئۇنى قايتىدىن تاھارەت ئىلىشقا بۇيرىغان.