- ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە بولغان رەھمىتىنىڭ كەڭرىلىكىدىن: ئىنسان ھەرقانچە خاتالىق سادىر قىلسىمۇ، گۇناھ قىلسىمۇ، خاتالىقىدىن يېنىپ ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ.
- ئاللاھ تائالاغا ئېشىنىدىغان ھەقىقى مۇئمىن ئاللاھنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى ئۈمىت قىلىدۇ، ئازابىدىن قورقىدۇ، خاتالىقنى داۋاملاشتۇرماستىن تەۋبە قىلىشقا ئالدىرايدۇ.
- توغرا بولغان تەۋبىنىڭ شەرتلىرىدىن: خاتالىقتىن قول ئۈزۈش، قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىش، خاتالىققا قايتا قايتماسلىق ئىرادىسىگە كېلىش، ئەگەر تەۋبە كىشىلەرنىڭ مال-مۈلكىگە زۇلۇم قىلىش، يۈز-ئابرۇيىنى تۆكۈش، جېنىغا زامىن بولۇش قاتارلىق زۇلۇمغا ئالاقىدار ئىشلاردىن بولسا، ئۇنىڭغا تۆتىنچى بىر شەرت زىيادە قىلىنىدۇ، ئۇ بولسىمۇ، ھەق ئىگىسىدىن رازىلىق تەلەپ قىلىش ياكى ئۇنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
- ئاللاھنى ھەقىقى تونۇشنىڭ مۇھىملىقى شۇكى، بۇ ئىنساننى ئۆزىنىڭ دىنى ئىشلىرىنى بىلىدىغان قىلىدۇ، قاچانكى خاتالىق سادىر قىلىدىكەن ھەددىدىن ئاشماستىن، ئۈمىتسىزلەسمەستىن ئاللاھقا تەۋبە قىلىدۇ.