ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆيىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ: «ئى ئاللاھ! كىمكى مېنىڭ...
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشىدىن چوڭ بولسۇن ياكى كېچىك بولسۇن، ئومۇمغا ئالاقىدار ئىش بولسۇن ياكى شەخسلەرگە ئالاقىدار ئىش بولسۇن قانداق بى...

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆيىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ: «ئى ئاللاھ! كىمكى مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ ئىشىدىن بىر ئىشقا ئىگە بولۇپ، ئۇلارغا قىيىنچىلىق پەيدا قىلغان كىشىنىڭ ئىشىنى سەنمۇ قىيىنلاشتۇرغىن، مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ ئىشىدىن بىر ئىشقا ئىگە بولۇپ، ئۇلارغا مېھرىبانلىق قىلغان كىشىنىڭ ئىشىنى سەنمۇ ئاسان قىلغىن».

تەمىم ئەددارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دىن سەمىمىيەتتۇر» بىز: كىمگە؟ دېسەك، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ كىتابى، ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرى، مۇسۇلمان رەھبەرلەر ۋە ئومۇمى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن» دېدى.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ئايەتنى تىلاۋەت قىلدى: «هُوَ الَّذِي أَنْزَلَ عَلَيْكَ الْكِتَابَ مِنْهُ آيَاتٌ مُحْكَمَاتٌ هُنَّ أُمُّ الْكِتَابِ وَأُخَرُ مُتَشَابِهَاتٌ فَأَمَّا الَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ زَيْغٌ فَيَتَّبِعُونَ مَا تَشَابَهَ مِنْهُ ابْتِغَاءَ الْفِتْنَةِ وَابْتِغَاءَ تَأْوِيلِهِ، وَمَا يَعْلَمُ تَأْوِيلَهُ إِلَّا اللَّهُ، وَالرَّاسِخُونَ فِي الْعِلْمِ يَقُولُونَ آمَنَّا بِهِ كُلٌّ مِنْ عِنْدِ رَبِّنَا وَمَا يَذَّكَّرُ إِلَّا أُولُو الْأَلْبَابِ» تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد!) ئۇ (ئاللاھ) ساڭا كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) نازىل قىلدى. ئۇنىڭدا مۇھكەم (يەنى مەنىسى ئوچۇق) ئايەتلەر باركى، ئۇلار كىتابنىڭ (يەنى پۈتۈن قۇرئاننىڭ) ئاساسىدۇر؛ يەنە باشقا مۇتەشابىھ (يەنى مەنىسى مۇئەييەن ئەمەس) ئايەتلەر باردۇر. دىللىرىدا ئەگرىلىك بار (يەنى گۇمراھلىققا مايىل) كىشىلەر پىتنە قوزغاش ۋە ئۆز رايى بويىچە مەنە بېرىش ئۈچۈن، مۇتەشابىھ ئايەتلەرگە ئەگىشىدۇ (يەنى مۇتەشابىھ ئايەتلەرنى ئۆز نەپسى - خاھىشى بويىچە چۈشەندۈرىدۇ). بۇنداق ئايەتلەرنىڭ (ھەقىقىي) مەنىسىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ. ئىلىمدا توشقانلار ئېيتىدۇ: «ئۇنىڭغا ئىشەندۇق، ھەممىسى پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن نازىل بولغان. (بۇنى) پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىلا چۈشىنىدۇ» [سۈرە ئال ئىمران 7-ئايەت]. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:« قۇرئاندىن مۇتەشابىھ ئايەتلەرگە ئەگەشكەنلەرنى كۆرسەڭ ئەنە ئاشۇلار ئاللاھ تائالا دىلىدا ئەگىرلىك بار دەپ ئاتىغان كىشىلەردۇر، ئۇلاردىن ھەزەر قىلغىن».

ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە ئۇ كىشى مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم دەيدۇ: «سىلەردىن بىرىڭلار بىر يامانلىقنى كۆرسە ئۇنى قولى بىلەن ئۆزگەرتسۇن، ئەگەر ئۇنىڭغا قادىر بولالمىسا، تىلى بىلەن ئۆزگەرتسۇن، ئۇنىڭغىمۇ قادىر بولالمىسا قەلبى بىلەن بولسىمۇ نارازى بولسۇن، قەلبى بىلەن نارازى بولۇش بولسا ئىماننىڭ ئەڭ ئاجىز ئىپادىسىدۇر»

نۇئ‍مان بىن بەشىير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدە تۇرغۇچىلار ۋە ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدىن ئۆتۈپ كەتكۈچىلەرنىڭ مىسالى: بىر كېمىگە بارابەر چىققان ئۇنىڭدىن كېيىن كېمىنىڭ ئۈستىدە ياكى ئاستى قەۋېتىدە ئولتۇرۇش توغرىسىدا ئۆزئارا چەك تاشلاشقان، بەزىلىرىگە ئۈستۈن قەۋەت چىققان يەنە بەزىلىرىگە ئاستى قەۋەت چىققان، ئاستى قەۋەتتىكىلەر سۇغا ئېھتىياجلىق بولغاندا، ئۈستى قەۋەتتىكىلەرنىڭ ئارىسىدىن ئۆتۈپ سۇ ئېلىشقا مەجبۇر بولغان، شۇنىڭ بىلەن ئاستى قەۋەتتىكىلەر: بىز سۇ ئالىمىز دەپ ئۈستىمىزدىكىلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزگىچە كېمىنىڭ شېلىنى چىقىرىپ سۇنى تۇرغان ئورنىمىزدىن ئالساق دېگەن كىشىلەرگە ئوخشايدۇ، ئەگەر ئۇلار ئۆز ھالىغا تاشلاپ قويۇلسا، مەقسەت قىلغان ئىشلىرى بىلەن كېمىدىكى ھەممەيلەننى ھالاك قىلىدۇ، ئەگەر ئۇلارغا نەسىھەت قىلىپ ئۇ قىلمىشىدىن قولىنى يىغدۇرسا، ئۇلارمۇ ۋە بۇلارمۇ ھەممەيلەن قۇتىلىدۇ».

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى توغرا يولغا چاقىرىدىكەن ئۇ كىشىگە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ئەجىر-ساۋابى بېرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەجىر-ساۋاپلىرىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ. كىمكى ئازغۇنلۇققا چاقىرىدىكەن، ئۇ كىشىگە ئازغۇنلۇققا ئەگەشكەنلەرنىڭ گۇناھى يېزىلىدۇ، ئۇلارنىڭ گۇناھىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ».

ئەبى مەسئۇد ئەنسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: مەن سەپەردە ئۇلۇغىمدىن ئايرىلىپ قالدىم، ماڭا سەپەرنى داۋاملاشتۇرغىلى بىر ئۇلاغ ياردەم قىلسىلا دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «مېنىڭ يېنىمدا ھېچ نەرسە يوق» دېدى، ساھابىلاردىن بىرى: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مەن ئۇنى سەپەرگە يولغا سېلىپ قويىدىغان كىشىنىڭ يېنىغا باشلاپ باراي دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ياخشىلىققا باشلاپ قويغان كىشى ياخشىلىقنى قىلغان كىشىگە ئوخشاش ئەجىرگە ئېرىشىدۇ دېدى».

سەھل ئىبنى سەئد ئەسسائىدى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ئەتە بايراقنى چوقۇم، ئاللاھ تائالانى ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىنى ياخشى كۆرىدىغان، ئۇنىمۇ ئاللاھ تائالا ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى ياخشى كۆرىدىغان بىر كىشىگە بېرىمەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ قولى بىلەن پەتھىنى نېسىپ قىلىدۇ دېۋىدى، كىشىلەر شۇ كېچىسى، ئۇ بايراق كىمگە بېرىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق تالاش - تارتىش قىلىشىپ چىقىشتى. تاڭ ئېتىۋىدى ئۇلارنىڭ ھەممىسى بايراقنىڭ ئۆزىگە بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بېرىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ئەلى ئىبنى ئەبى تالىپ قېنى؟، دەپ سورىدى. ئۇنىڭ كۆزى ئاغرىپ قاپتۇ، دېيىلدى. ئۇلار ئۇنى ئەكىلىشكە ئادەم ئەۋەتىپ چاقىرتىپ كەلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئىككى كۆزىگە تۈكۈرۈپ دۇئا قىلىۋىدى، خۇددى ئاغرىپ باقمىغاندەك ساقىيىپ كەتتى. ئاندىن ئۇنىڭغا بايراقنى بېرىپ دېدىكى: ئالدىڭغا ئالدىرىماي مېڭىپ ئۇلارنىڭ مەيدانىغىچە بارغىن! ئاندىن ئۇلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلغىن! ۋە ئۇلارغا ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىدە ۋاجىپ بولغان ئىشلارنى ئېيتقىن. ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى! سېنىڭ سەۋەبىڭدىن بىر ئادەمنى ئاللاھ ھىدايەت قىلىپ قالسا، ئۇ ساڭا قىزىل تۆگىدىنمۇ ياخشىراقتۇر

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى باشقا بىر قەۋىمگە ئوخشىۋالىدىكەن، ئۇ كىشى شۇلاردىن بولىدۇ».

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ جېنى قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى! مۇشۇ ئۈممەتنىڭ يەھۇدىيسى بولسۇن ياكى نەساراسى بولسۇن، مېنىڭ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەنلىكىمنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، مەن ئېلىپ كەلگەن دىنغا ئىشەنمەي ئۆلۇپ كەتسە، ئۇ دوزاخ ئەھلىدىن بولىدۇ».

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شەيتانغا تاش ئاتىدىغان كۈنى ئەتتىگەندە تۆگىسىدە ئولتۇرۇپ:«ماڭا تاش تېرىپ بەرگىن» دېدى، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا پىندىقتەك چوڭلۇقتا يەتتە تاش تېرىپ بەردىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ تاشلارنى ئالقىنىدا قويۇپ:«مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تاشلارنى ئېتىڭلار» دېدى. ئاندىن مۇنداق دېدى:«ئەي ئىنسانلار! دىندا ھەددىدىن ئاشۇرىۋېتىشتىن ساقلىنىڭلار، سىلەردىن ئىلگىرىكى كىشىلەر دىندا ھەددىدىن ئاشۇرىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ھالاك بولۇپ كەتتى».

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: «بەك چەكتىن ئاشۇرىۋەتكۈچىلەر ھالاك بولىدى» دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم دېگەن.