- جەمئىيەتنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە قۇتۇلدۇرۇشتا ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن چەكلەشنىڭ ئەھمىيتى بايان قىلىنىدۇ.
- مىسال بايان قىلىشمۇ تەلىمنىڭ يوللىرىدىن بولۇپ، مەسىلىنىڭ مەنىسىنى ھىسسى سۈرەتتە ئەقىلگە يېقىنلاشتۇرىدۇ.
- بۇزۇقچىلىقنى ئوچۇق-ئاشكارا قىلىش ۋە ئۇنى چەكلىمەسلىكنىڭ زىيىنى ۋە ئاقىۋەتتە جەمئىيەتكە زور زىيان ئېلىپ كېلىدۇ.
- جەمئىيەتنىڭ ۋەيران ۋە ھالاك بولىشى بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلارنى زېمىندا بۇزۇقچىلىق قىلىشى ئۈچۈن ئۆز مەيلىگە قويىۋېتىش بىلەن بولىدۇ.
- نىيەت ياخشى دەپ خاتا ئىش قىلسا، بۇ قىلغان ئىشنىڭ ياخشى بولىشىغا كۇپايە قىلمايدۇ.
- مۇسۇلمانلار جەمئىيتىنىڭ مەسئۇلىيتى ھەممەيلەنگە ئورتاق بولۇپ مەلۇم بىر شەخسكە ئالاقىدار بولمايدۇ.
- ئەگەر يامان ئىش ئىنكار قىلىنمىسا، بىر كىشىنىڭ خاتالىقى بىلەن ھەممەيلەن ئازابلىنىدۇ.
- بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ناچار ئىشلىرىنى مۇناپىقلارغا ئوخشاش جەمئىيەتكە ياخشىلىق قىلىپىدا ئاشكارا قىلىدۇ.