- توغرا يولغا دەۋەت قىلىش ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن بۇ ياخشى ئىش، دەۋەتچى ئۈچۈن دەۋەتكە ئەگىشىپ ئەمەل قىلغان كىشىلەرگە ئوخشاش ئەجىر-ساۋاپ بولىدۇ. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى، سېخىلىقىنىڭ مۇكەممەللىكى ۋە كاتتىلىقىدۇر.
- ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن ئازغۇنلۇققا دەۋەت قىلىشنىڭ خەتىرى، ئازغۇنلۇققا دەۋەت قىلغۇچىغا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئەمەل قىلغانلارنىڭ گۇناھىغا ئوخشاش گۇناھ يېزىلىدۇ.
- جازا-مۇكاپات قىلغان ئىشنىڭ تۈرىگە كۆرە بولىدۇ، ياخشىلىققا چاقىرغان كىشىگە ياخشىلىق قىلغانلارنىڭ ئەجىر-ساۋابىنىڭ ئوخشىشى بولىدۇ، يامانلىققا چاقىرغان كىشىگە يامانلىقنى قىلغان كىشىلەرنىڭ گۇناھىنىڭ ئوخشىشى بولىدۇ.
- مۇسۇلمان كىشى ئىنسانلارغا كۆرسۈتۈپ گۇناھ-مەسىيەتلەرنى قىلىپ شۇنىڭ بىلەن باشقىلارنىڭ ئۆزىگە ئەگىشىپ قىلىشىدىن بەك ھەزەر قىلىشى كېرەك، چۈنكى ئۇ كىشى باشقىلارنى خاتالىق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرمىسىمۇ، ئۆزى خاتالىقنى ئاشكارا قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەگەشكەن كىشىلەرنىڭ خاتالىقى يېزىلىدۇ.