- ھەدىس مۇنكەرنى ئۆزگەرتىشتىكى باسقۇچلارنى بايان قىلىشتىكى ئاساستۇر.
- مۇنكەرنى ئۆزگەرتىش تەدرىجى بولىدۇ، ھەر كىشى ئۆزىنىڭ كۈچ-قۇدىرتى ۋە دائىرىسى بويىنچە ئادا قىلىدۇ.
- مۇنكەرنى ئۆزگەرتىش دىندىكى ئەڭ چوڭ ئىش بولۇپ، بۇ ھېچ كىشىدىن چۈشۈپ كەتمەيدۇ، ھەر بىر مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ تاقىتى بويىنچە ئادا قىلىشقا بۇيرىلىدۇ.
- ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن چەكلەش ئىماننىڭ خىسلەتلىرىدىن بولۇپ، ئىمان ياخشىلىق بىلەن زىيادە بولىدۇ، يامانلىق بىلەن كەمىيدۇ.
- مۇنكەر ئىشنى چەكلەشتە: ئاشۇ ئىشنىڭ مۇنكەر ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىش شەرت قىلىنىدۇ.
- مۇنكەر ئۆزگەرتىشتە ئۆزگەرتكەن مۇنكەردىن كاتتىراق يەنە بىر مۇنكەر كىلىپ چىقماسلىق شەرت قىلىنىدۇ.
- مۇنكەرنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئەدەپ ۋە شەرتلىرى بولىدۇ، مۇسۇلماننىڭ ئۇنى بىلىشي كېرەك.
- مۇنكەرنى ئۆزگەرتىش شەرئى سىياسەت، ئىلىم-مەرىپەت ۋە ئەقىل-پاراسەتكە ئېھتىياجلىق بولىدۇ.
- مۇنكەرنى دىلى بىلەنمۇ يامان كۆرمەسلىك ئىماننىڭ ئاجىزلىقىنى بىلدۈرىدۇ.