- كاپىر ۋە پاسىقلارغا ئوخشاپ قىلىشتىن ئاگاھ بولۇش.
- ياخشى ۋە سالىھ كىشىلەرنىڭ يولىنى تۇتۇش ۋە ئۇلارغا ئەگىشىشكە قىزىقتۇرۇش.
- سېرتقى كۆرۈنۈشتە ئوخشىۋىلىش، كۆڭۈلدە ياخشى كۆرۈشنى پەيدا قىلىدۇ.
- ئىنسان باشقىلارنى دوراشتا، ئۇنىڭ تۈرىگە كۆرە گۇناھ-ئازابتىن نېسىۋېسىنى ئالىدۇ.
- كاپىرلارغا ئوخشىۋېلىشتىكى چەكلىمە بولسا، ئۇلارغا دىنى جەھەتتە ۋە ئۇلارغا خاس بولغان ئىشلاردا ئوخشىۋېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن باشقا ھۈنەر-سانائەت، باشقا تەرەپلەردە ئوخشىۋېلىش چەكلەنمەيدۇ.