/ مېنىڭ كۆلۈمنىڭ دائىرسى بىر ئايلىق مۇساپىدۇر، ئۇنىڭ سۈيى سۈتتىن ئاق، پۇرىقى مىسكىنىڭ پۇرىقىدىن خۇشپۇراقتۇر

مېنىڭ كۆلۈمنىڭ دائىرسى بىر ئايلىق مۇساپىدۇر، ئۇنىڭ سۈيى سۈتتىن ئاق، پۇرىقى مىسكىنىڭ پۇرىقىدىن خۇشپۇراقتۇر

ئابدۇللاھ بىن ئەمىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ كۆلۈمنىڭ دائىرسى بىر ئايلىق مۇساپىدۇر، ئۇنىڭ سۈيى سۈتتىن ئاق، پۇرىقى مىسكىنىڭ پۇرىقىدىن خۇشپۇراقتۇر، ئۇنىڭ قاچىلىرى ئاسماندىكى يۇلتۇزدەك كۆپتۇر، ئۇنىڭ سۈيىنى ئېچكەن كىشى ئەبەدى ئۇسسىمايدۇ».
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىيامەت كۈنى ئۆزى ئۈچۈن بىر كۆل بولىدىغانلىقى، ئۇ كۆلنىڭ ئۇزۇنلىقى ۋە كەڭلىكى ئوخشاشلا بىر ئايلىق مۇساپە ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەردى. ئۇ كۆلنىڭ سۈيى سۈتتىنمۇ بەك ئاقتۇر. ئۇ سۇنىڭ پۇرىقى مىسكە-ئەنبەرنىڭ پۇرىقىدىنمۇ بەك خۇشبۇيدۇر. ئۇنىڭ قاچىلىرىنىڭ سانى ئاسماندىكى يۇلتۇزنىڭ سانىدەك كۆپتۇر. شۇ قەدەھلەر بىلەن كۆلدىن سۇ ئېچكەن كىشى ئەبەدى ئۇسسىمايدۇ.

Hadeeth benefits

  1. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كۆلىگە كۆپ سۇ جۇغلانغان بولۇپ قىيامەت كۈنىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇممىتىنىڭ مۆمىنلىرى بۇ كۆلنىڭ سۈيىدىن ئېچىدۇ.
  2. بۇ كۆلنىڭ سۈيىدىن ئېچكەن كىشى ئەبەدى ئۇسسىماسلىقتىن ئىبارەت نېمەتكە ئېرىشىدۇ.