- جەننەت بىلەن دوزاخنىڭ ھازىر مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش.
- غەيىبكە، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى خەۋەر بەرگەن ھەرقانداق ئىشقا ئىشىنىش ۋاجىپ بولىدۇ.
- كۆڭلى خالىمايدىغان قىيىنچىلىقلارغا سەۋېر قىلىش كېرەك چۈنكى ئۇ جەننەتكە يەتكۈزىدىغان يولدۇر.
- چەكلەنگەن، ھارام ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى، چۈنكى ئۇ دوزاخقا يەتكۈزىدىغان ئىشلاردۇر.
- جەننەتنى ئىنساننىڭ كۆڭلى تارتمايدىغان قىيىنچىلىقلار بىلەن ئورىدى، دوزاخنى كۆڭلى مايىل بولىدىغان لەززەتلەر بىلەن ئورىدى، ئۇ دۇنيا ھاياتىدىكى ئىمتىھان ۋە سىناقنىڭ تەقەززاسىدۇر.
- جەننەتكە يېتىدىغان يوللار قىيىن ۋە مۇشەققەتلىك بولۇپ، ئىمان بىلەن جاپا-مۇشەققەتلەرگە سەبرى قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. دوزاخقا يېتىدىغان يوللار دۇنيادا ئىنساننىڭ كۆڭلى تارتىدىغان لەززەت ۋە شەھۋەتلەر بىلەن تولغاندۇر.