- مۇنكەر ئىشنى كۆرگەندە ئۇنىڭدىن چوڭراق بۇزۇقچىلىق ۋە يامانلىق بولمىغان ئەھۋالدا ئۆز ۋاقتىدا ئۇنى دەرھال ئىنكار قىلىش كېرەك.
- قىيامەت كۈنىنىڭ ئازابى گۇناھنىڭ كاتتىلىقى ھېسابى بويۇنچە بولىدۇ.
- جانلىق نەرسىلەرنىڭ سۈرەتلىرىنى سېزىش چوڭ گۇناھلاردىن ھېسابلىنىدۇ.
- ئاللاھ ياراتقان نەرسىلەرگە ئوخشاش نەرسىلەرنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ ھارام بولىشى: سۈرەت سىزغۇچى ئاللاھ ياراتقان نەرسىلەرگە ئوخشىتىشنى مەقسەت قىلسۇن ياكى مەقسەت قىلمىسۇن ئوخشاش.
- ئىسلام پىرىنسىپى مال-مۈلۈكنى مۇھاپىزەت قىلىش، ئۇنىڭدىن ئۆز يولىدا پايدىلىنىش، ئۇنى چەكلەنگەن، ھارام ئىشلارغا سەرپ قىلىشتىن يىراق بولۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.
- ھەرقانداق شەكىلدە بولسۇن ھەتتا ئېتىبارغا ئېلىنمايدىغان نەرسىگىمۇ جانلىق نەرسىلەرنىڭ سۈرەتلىرىنى سېزىش چەكلىنىدۇ.