- نەپسى-شەھۋەتلەرگە چۈشۈپ قىلىشنىڭ سەۋەپلىرىدىن: شەيتاننىڭ مۇنكەر، قەبىھ ئىشلارنى پەردازلاپ چېرايلىق كۆرسىتىشى، ھەتتا ئىنسان ئۇنى گۈزەل دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا مايىل بولۇپ قىلىشىدۇر.
- چەكلەنگەن ھارام ئىشلاردىن يىراق بولۇش كېرەك، چۈنكى ئۇ دوزاخقا ئېلىپ بارىدىغان يولدۇر. مۇشەققەتلىك، قىيىن ئىشلارغا سەبرى قىلىش كېرەك، چۈنكى ئۇ جەننەتكە ئىلىپ بارىدىغان يولدۇر.
- ئىبادەتتە كۆپ تېرىشچانلىق قىلىش، نەپسىگە قارشى كۆرەش قىلىش، تائەت-ئىبادەتتىكى مۇشەققەت ۋە ياقتۇرۇلمايدىغان ئىشلارغا سەبرى قىلىشنىڭ پەزىلىتى.