- پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېقىنقى زاماندا يۈز بېرىدىغان غەيبى ئىشلاردىن خەۋەر بېرىشى ۋە ئۇ ئىشلارنىڭمۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگەن بويۇنچە مەيدانغا كىلىشى بولسا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىنىڭ ئوچۇق دەلىلىدۇر.
- شەرىئەتكە زىت بولغان ئىشلارغا رازى بولۇش ۋە ئۇ ئىشلارغا ئىشتىراك قىلىپ بىرگە قاتنىشىش توغرا بولمايدۇ، بەلكى ئۇنى ئىنكار قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ.
- ئەمىرلەر شەرىئەتكە زىت بولغان ئىشلارنى پەيدا قىلسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۇلارغا ئىتائەت قىلىش توغرا بولمايدۇ.
- مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولغان رەھبەرلەرگە قارشى چىقىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇنىڭدىن نۇرغۇنلىغان قالايمىقانچىلىق، بۇزۇقچىلىق، خاتىرجەمسىزلىك، ناھەق قان تۆكۈلۈش قاتارلىق ئىشلار كېلىپ چىقىدۇ، شەرىئەتكە زىت ئىشنى پەيدا قىلغان ئەمىر-رەھبەر ئۇنىڭ جىنايىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە سەبرى قىلىش بولسا بۇزۇقچىلىق ۋە باشقا تەرەپلەردە ئۇلارغا قارشى چىققاندىن ياخشىراقتۇر.
- نامازنىڭ ئىشى كاتتا ۋە ئۇلۇغ، ئۇ ئىسلام بىلەن كۇپىرنىڭ ئارىسىنى ئايرىيدىغان پەرقتۇر.