- شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن ۋە ئۇنىڭ خەتىرىدىن ساقلىنىش، ئۇ توغرىدا پىكىر قىلماسلىق، ئۇنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىش.
- ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كەلگەن شەرىئەتكە زىت كېلىدىغان ھەر قانداق ۋەسۋەسە ئۇ شەيتاندىندۇر.
- ئاللاھنىڭ زاتى توغرىسىدا تەپەككۇر قىلىشتىن چەكلەش، ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرى ۋە ئالامەتلىرى توغرىسىدا تەپەككۇر قىلىشقا قىزىقتۇرۇش.