- ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق بولمايدىغان ئىشلاردا ئەمىرگە ئىتائەت قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ.
- بۇ ھەدىستە ئىمامغا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتقان، مۇسۇلمانلار جامائىتىدىن ئايرىلغان كىشى ئۈچۈن قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بار، ئەگەر ئۇ كىشى مۇشۇ ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسە، جاھىلىيەت ئەھلىنىڭ ئۆلۈمىدە ئۆلگەن بولىدۇ.
- ھەدىس تەرەپبازلىق قىلىپ ئۇرۇش قىلىشتىن چەكلەيدۇ.
- ئەھدىگە ۋاپا قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ.
- ئەمىرگە ئىتائەت قىلىش، جامائەتنى لازىم تۇتۇشتا كۆپ ياخشىلىق بار، تىنچلىق، خاتىرجەملىك، ئەھۋاللارنىڭ ياخشى بولىشى شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
- ھەدىس جاھىلىيەت ئەھلىنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشىۋېلىشتىن چەكلەيدۇ.
- مۇسۇلمانلار جامائىتىنى لازىم تۇتۇشقا بۇيرۇيدۇ.