- ئاللاھ تائالانىڭ ھېساپ ئېلىش ۋە ئازابلاش توغرىسىدىكى ۋەدىسى پەقەت باش رەھبەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مەسئۇللارغىلا خاس بولماستىن بەلكى ئاللاھ تائالا ھەر قانداق بىر ئىشقا ئىگە قىلغان ھەممە كىشىگە ئومۇم بولىدۇ.
- مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىدىن بىرەر ئىشقا ئىگە بولغان كىشى، ئۇلارغا توغرا يول كۆرسۈتۈش، ئامانەتنى تولۇق ئادا قىلىشقا تېرىشچانلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭغا خىيانەت قىلىشتىن ھەزەر قېلىش كېرەك.
- مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمى ياكى خۇسۇسى، چوڭ ياكى كېچىك ھەر قانداق ئىشلىرىغا ئىگە بولغان كىشىنىڭ مەسئۇلىيتى بۈيۈكتۇر.