- بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى بىلدۈرىدىغان ھەدىس بولۇپ، ئىش ئۈممەتنىڭ ئېچىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگەندەك يۈز بەردى.
- مۇسىيبەتكە ئۇچرىغۇچىغا ئۇنىڭغا كېلىدىغان مۇسىيبەتتىن خەۋەر بېرىش دۇرۇس بولىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشىگە ئاشۇ مۇسىيبەت كەلسە، ئۇنىڭغا سەبرى قىلغۇچى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ساۋاپ ئۈمىت قىلغۇچى بولۇشقا تەييارلىنىدۇ.
- پىتنە ۋە ئىختىلاپتىن ساقلىنىشنىڭ يولى قۇرئان-ھەدىسكە چىڭ ئېسىلىشتۇر.
- ياخشى ئىشلاردا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولغان ئەمىر-رەھبەرلەرگە ئىتائەت قىلىشقا، گەرچە ئۇلاردىن زۇلۇم كۆرسىمۇ ئۇلارغا قارشى چىقماسلىققا رىغبەرلەندۈرۈش.
- پىتنە بولغان زاماندا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىپ، سۈننەتكە ئەگىشىش زۆرۈر بولىدۇ.
- گەرچە ئىنسانغا زۇلۇم يەتسىمۇ ئۆز ئۈستىدىكى ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشى كېرەك.
- بۇ ھەدىس: ئىككى يامانلىقنىڭ تۆۋەنراقى ياكى ئىككى زىياننىڭ يەڭگىلراقىنى تاللاش دېگەن قائىدىگە دەلىل بولىدۇ.