- بۇ ھەدىسنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رەببىدىن بايان قىلغان بولۇپ، بۇ ھەدىس قۇدسىي ياكى ھەدىس ئىلاھىي دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ ھەدىسنىڭ لەپزى ۋە مەنىسى ئاللاھ تائالادىن، لېكىن بۇ تۈردىكى ھەدىس باشقا ھەدىسلەردىن پەرقلىق بولسىمۇ ئۇنىڭدا قۇرئان كەرىمنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە خۇسۇسىيەتلىرى يوق، چۈنكى قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىش ئىبادەت، تاھارەت بىلەن تۇتۇش شەرتتۇر. شۇنداقلا مۆجىزىلىك ۋە ئۇنىڭ ئۆخشىشىنى كەلتۈرۈشتىن ئىنسانىيەتنىڭ ئاجىز كىلىشى قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەر يوق.
- ئاللاھنىڭ يېقىن كىشىلىرىگە ئەزىيەت يەتكۈزۈشتىن چەكلەش، ئۇلارنى ياخشى كۆرۈشكە ، ئۇلارنىڭ پەزىلەتلىرىنى ئېتىراپ قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش.
- ئاللاھنىڭ دۇشمەنلىرىنى ئۆچ كۆرۈش بىلەن بىرگە ئۇلارنى دوست تۇتۇش ھارامدۇر.
- ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە ئەگەشمەستىن ئۆزىنى ئاللاھنىڭ يېقىنلىرىدىن دەپ دەۋا قىلىش يالغانچىلىقتۇر.
- ئاللاھ پەرز قىلغان ئەمەللەرنى ئادا قىلىش ۋە چەكلىگەن ئىشلارنى تەرك قىلىش بىلەن ئاللاھنىڭ يېقىنلىقىغا نائىل بولىدۇ.
- ئاللاھ تائالانىڭ بەندىسىنى ياخشى كۆرۈشى ۋە دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىشىنىڭ سەۋەپلىرىدىن: ئۇ كىشىنىڭ پەرزنى ئادا قىلىپ، ھارامنى تەرك قىلىپ بولغاندىن كېيىن نەپلە ئەمەللەرنى كۆپ قىلىشىدۇر.
- بۇ ھەدىس ئاللاھنىڭ يىقىن كىشىلىرىنىڭ شان-شەرىپى ۋە مەرتىۋېسىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.