ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار مەسچىتكە كىرسە ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى ئ...
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتكە كەلگەن كىشىنى، قايسى ۋاقىتتا كەلسە ۋە قانداق مەقسەت بىلەن مەسچىتكە كىرسە، ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى ئىككى رەكەت ناماز ئادا ق...
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جۈمە كۈنىدە ئىمام خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا يېنىڭدىكى ھەمراھ...
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جۈمە خۇتبىسىگە ھازىر بولغان كىشى ئۈچۈن ۋاجىپ بولغان ئەدەپلەرنى بايان قىلىپ بېرىدۇ: كۆڭۇل قويۇپ ئولتۇرۇپ خۇتبە تىڭشاش، ۋەز نەسىھ...
ئىمران بىن ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ بەۋاسىر كېسىلىم بار ئىدى، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن نامازنى قانداق ئوقۇش توغرىسىدا سورىسام...
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەسلىدە نامازنى ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇش كېرەكلىكىنى، ئەگەر ئۆرە تۇرۇشقا قادىر بولالمىغاندا ئولتۇرۇپ ئوقۇش كېرەكلىكىنى، ئەگەر ئولتۇرۇش...
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ مۇشۇ مەسچىتىمدە ئوقۇلغان بىر رەكەت ناماز ھەرەم...
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ مەسچىتىدە ناماز ئادا قىلىشنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىپ، پەيغەمبەر مەسچىتىدە ئوقۇلغان بىر رەكەت ناماز ساۋاپ جەھەتتە، مەككى...
مەھمۇد بىن لەبىيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: ئوسمان بىن ئەپپان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىنى كېڭەيتىپ ياسىما...
ئوسمان بىن ئەپپان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىنى بۇرۇنقىدىن كېڭەيتىپ گۈزەل شەكىلدە قايتىدىن ياسىماڭچى بولغاندا كىشىلەر بۇنى ياق...

ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار مەسچىتكە كىرسە ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇسۇن».

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جۈمە كۈنىدە ئىمام خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا يېنىڭدىكى ھەمراھىڭغا: جىم تۇرغىن دېسەڭ، جۈمەنىڭ پەزىلىتىنى بىكار قىلغان بولىسەن».

ئىمران بىن ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ بەۋاسىر كېسىلىم بار ئىدى، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن نامازنى قانداق ئوقۇش توغرىسىدا سورىسام ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: ئۆرە تۈرۈپ ئوقىغىن، ئەگەر ئۇنىڭغا قادىر بولالمىساڭ، ئولتۇرۇپ ئوقۇغىن، ئەگەر ئۇنىڭغا قادىر بولالمىساڭ يېنى يېتىپ ئوقۇغىن».

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ مۇشۇ مەسچىتىمدە ئوقۇلغان بىر رەكەت ناماز ھەرەم مەسچىتىدىن باشقا مەسچىتلەردە ئوقۇلغان مىڭ رەكەت نامازدىن ياخشىدۇر».

مەھمۇد بىن لەبىيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: ئوسمان بىن ئەپپان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىنى كېڭەيتىپ ياسىماڭچى بولغاندا كىشىلەر بۇنى ياقتۇرمىدى، مەسچىتنى ئەسلى ھالىتىدە قالدۇرۇشنى ياخشى كۆردى. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ:«كىمكى ئاللاھ ئۈچۈن بىر مەسچىت بىنا قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشى ئۈچۈن جەننەتتە ئۇنىڭ ئوخشىشىنى بىنا قىلىدۇ»دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «ھەققىنى ئادا قىلمايدىغان ئالتۇن ۋە كۈمۈش ئىگىسىگە قىيامەت كۈنى ئوتتىن لېگەنلەر ياسىلىپ، ئۇنى جەھەننەم ئوتىدا قىزىتىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئىگىسىنىڭ بېقىن، پېشانە ۋە دۈمبىسى داغلىنىدۇ»، بەندىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىپ، جەننەت ياكى دوزاخقا بولغان يولىنى كۆرگەنگە قەدەر، بىر كۈنى ئەللىك مىڭ يىلغا توغرا كېلىدىغان شۇ كۈنلەردە، لېگەنلەر سوۋۇپ قالسا، قايتا قىزىتىلىپ تۇرىدۇ،- دېدى. بەزىلەر: ئى رەسۇلۇللاھ! تۆگىنىڭچۇ؟ ـ دەپ سوراشتى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: تۆگىنىڭ زاكىتىنى بەرمىگەن كىشىمۇ قىيامەت كۈنى بەندىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىپ، جەننەت ياكى دوزاخقا بولغان يولىنى كۆرگۈچە، بىر كۈنى ئەللىك مىڭ يىلغا توغرا كېلىدىغان شۇ كۈنلەردە، ئۇ كىشى كەڭ كەتكەن بىر تۈزلەڭلىكتە تۆگىلىرىنىڭ ئالدىغا تاشلىنىدۇ، تۆگىلەر ئەڭ تولۇق ھالەتتە، بىر بوتىلاقنىمۇ يوقىتىپ قويماستىن، ئۇ كىشىنى دەسسەپ ۋە چىشلەپ ئۆتىدۇ، بېشىدا ئۆتۈپ بولغان تۆگىلەر چۆگىلەپ كېلىپ، ئارقىدىكى تۆگىلەرگە قوشۇلۇپ، توختىماستىن ئايلىنىپ تۇرىدۇ. تۆگىنى سۇغارغان كۈنى ئۇنىڭ سۈتىنى سېغىپ مۇھتاجلارغا بېرىشمۇ تۆگىسى بار كىشىنىڭ ئادا قىلىشىغا تېگىشلىك ھەقتۇر، ـ دېدى. ساھابىلار: ئى رەسۇلۇللاھ! كالا ۋە قويلارچۇ؟ ـ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: كالا ۋە قوينىڭ زاكىتىنى بەرمىگەن كىشىمۇ قىيامەت كۈنى بەندىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىپ، جەننەت ياكى دوزاخقا بولغان يولىنى كۆرگۈچە، بىر كۈنى ئەللىك مىڭ يىلغا توغرا كېلىدىغان شۇ كۈنلەردە، ئۇ كىشى بارلىق كالا ـ قويلانىڭ ئالدىغا تاشلاپ بېرىلىدۇ، ئۇ كالا ۋە قويلار بىرسىمۇ كەم بولمايدۇ، ئىچىدە مۈڭگۈزى ئەگرى ياكى مۈڭگۈزى يوق ۋە ياكى مۈڭگۈزى سۇنۇقلىرى تېپىلمايدۇ، كالا ۋە قويلار ئۇ كىشىنى مۈڭگۈزلىرى بىلەن ئۈسۈپ، تۇياقلىرى بىلەن دەسسەپ ئۆتىدۇ، بېشىدا ئۆتۈپ بولغان كالا–قويلار چۆگىلەپ كېلىپ، ئارقىدىكى كالا–قويلارغا قوشۇلۇپ، توختىماستىن ئايلىنىپ تۇرىدۇ، ـ دېدى. ساھابىلار: ئى رەسۇلۇللاھ! ئاتچۇ؟ ـ دەپ سوراشتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئات ئۈچكە بۆلۈنىدۇ. بىرسى ئىگىسىگە گۇناھ ئېلىپ كېلىدۇ، يەنە بىرسى ئىگىسىىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدۇ، يەنە بىرسى ئىگىسىگە ئەجىر ئېلىپ كېلىدۇ. گۇناھ ئېلىپ كېلىدىغان ئاتنى ئىگىسى پەخىرلىنىش، رىيا قىلىش ۋە ياكى ئىسلام ئەھلىگە زىيان سېلىش ئۈچۈن باقىدۇ. بۇنداق ئات ئۆز ئىگىسىگە گۇناھ ئېلىپ كېلىدۇ. ھاجەتتىن چىقىدىغان ئاتنى ئىگىسى ئۆزىنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىش ۋە ئاللاھ يولىدا ياخشى ئىشلارغا ئىشلىتىش ئۈچۈن باقىدۇ ھەمدە ئۇ ئاتنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ھەقلىرىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، بۇنداق ئات ئىگىسىنىڭ گۇناھلىرىغا كەففارەت بولىدۇ. ئەجىر ئېلىپ كېلىدىغان ئاتنى ئىگىسى ئىسلام ئەھلى ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا ئاتىۋېتىدۇ. ئۇ ئات ئوتلاقلاردا قانچىلىك ئوت-چۆپ يېسە، ئىگىسىگە شۇنچىلىك ئەجىر بولىدۇ. قانچىلىك تېزەكلىسە ياكى قانچىلىك سىيسە، ئىگىسىگە شۇنچىلىك ئەجىر بولىدۇ. ھەتتا باغلاقلىق يېرىدىن ئارغامچىسىنى ئۈزۈۋېتىپ، ئۇ دۆڭدىن-بۇ دۆڭگە چىپىپ يۈرگەن چاغلىرىدىكى ھەر بىر ئىزىغا ۋە ھەر بىر تېزىكىگە ئاللاھ تائالا كۆپ ئەجىر بېرىدۇ. ئات ئىگىسىنىڭ ئاتنى سۇغۇرۇش نىيىتى يوق تۇرۇپمۇ، ئېتىنى سۇ بويىدىن ئۆتكۈزىۋاتقاندا، ئات ئۆزى ئىچىۋالغان سۈيىگىمۇ ئاللاھ تائالا ئەجىر بېرىدۇ، ـ دېدى. ساھابىلار: ئى رەسۇلۇللاھ! ئېشەكلەرچۇ؟ دەپ سوراشتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم: ماڭا ئېشەكلەر توغرىسىدا بۇ مول مەزمۇنلۇق ئايەتتىن باشقا ئايرىم ۋەھيى چۈشمىدى، دېگەن: «كىمىكى زەررە چاغلىق ياخشىلىق قىلسا ئۇنىڭ ئەجرىنى كۆرىدۇ، كىمىكى زەررە چاغلىق يامانلىق قىلسا ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ» ئايەت

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سەدىقە مالنى كېمەيتمەيدۇ، ئاللاھ بەندىسىگە ئەپۇچانلىقنى زىيادە قىلىدىكەن ئۇ كىشى ئەزىز بولىدۇ، ئاللاھ ئۈچۈن كەمتەر بولغان كىشىنىڭ مەرتىۋېىسىنى ئاللاھ تائالا يۇقىرى قىلىدۇ».

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى ئادەم بالىسى! نەپىقە قىلغىن، ساڭىمۇ نەپىقە قىلىنىدۇ».

ئەبى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىنسان ئۆز ئەھلىگە خەير-ئېھسان قىلىپ ئۇنىڭدىن ساۋاپ ئۈمىت قىلسا بۇ ئۇ كىشى ئۈچۈن سەدىقە بولىدۇ.

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئالتۇننى ئالتۇنغا ئالماشتۇرغاندا نەخمۇنەخ بولمىسا ئۆسۈم بولىدۇ، كۈمۈشنى كۈمۈشكە ئالماشتۇرغاندا نەخمۇنەخ بولمىسا ئۆسۈم بولىدۇ، بۇغداينى بۇغدايغا ئالماشتۇرغاندا نەخمۇنەخ بولمىسا ئۆسۈم بولىدۇ، ئارپىنى ئارپىغا ئالماشتۇرغاندا نەخمۇنەخ بولمىسا ئۆسۈم بولىدۇ، دېگەن

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەر ياكى ئايال بولسۇن، ھۆر ياكى قۇل بولسۇن، خورما ياكى ئارپىدىن بىر سا سەدىقە پىتىر بېرىشنى پەرىز قىلىپ بىكىتكەن«رامىزاندا دېگەندەك رىۋايەتمۇ بار» بەزى ساھابىلەر ئارپا، خورمىنىڭ ئورنىغا يېرىم سا بۇغداي بەرگەن، مەيلى كىچىك بالا بولسۇن مەيلى چوڭ كىشى بولسۇن ئوخشاش. يەنە بىر ئىبارەتتە ھېيىت نامىزىغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئادا قىلىش كېرەك دېگەن

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا پاكتۇر، پەقەت پاك نەرسىنىلا قوبۇل قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا ئەلچى ۋە پەيغەمبەرلەرنى نېمىگە بۇيرىغان بولسا، مۆمىنلەرنىمۇ شۇنىڭغا بۇيرۇپ مۇنداق دېدى: «ئى پەيغەمبەرلەر ھالال نەرسىنى يەڭلار، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى ئوبدان بىلىمەن». [سۈرە مۆئمىنىۇن 51-ئايەت]. يەنە مۇنداق دېگەن: «ئى مۆئمىنلەر بىز سىلەرنى رىزىقلاندۇرغان ھالال نەرسىلەردىن يەڭلار. ئاندىن كېيىن ئۇزۇن سەپەرگە چىققان چاچلىرى چۇۋۇق ۋە چاڭ تۇزاڭ بولغان، ئىككى قولىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ ئى پەرۋەردىگارىم، ئى پەرۋەردىگارىم، دەيدىغان بىر كىشىنىڭ مىسالىنى بايان قىلىپ، ئۇنىڭ يېمەك-ئىچمىگى ھارامدىن، كىيىم-كىچىكى ھارامدىن، ھارام يىگۈزىلگەن تۇرسا قانداقمۇ ئۇنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولسۇن، دېدى