- مەسچىتكە كىرگەندە ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى مەسچىتنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئىككى رەكەت ناماز ئادا قىلىش ياخشىدۇر.
- بۇ ئىش ئولتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان كىشى ئۈچۈندۇر، ئەمما بىر كىشى مەسچىتكە كېرىپ، ئولتۇرماي چىقىپ كەتسە ئۇ كىشىگە ناماز ئادا قىلىش كېرەك بولمايدۇ.
- ناماز ئادا قىلىش ئۈچۈن مەسچىتكە كىرگەندە، كىشىلەر نامازغا تۇرغان بولسا، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ نامازغا قىتىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا مەسچىت ھۆرمىتى نامىزىنى ئوقۇمىسىمۇ بولىدۇ.