- سەدىقە قىلىش ۋە ئاللاھ يولىدا نەپىقە قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش.
- ياخشىلىق يوللىرىغا نەپىقە قىلىش بولسا رىزىققا بەرىكەت ۋە ھەسسىلەپ زىيادە بولۇشنىڭ كاتتا سەۋەبلىرىدىندۇر. ئاللاھ تائالا بەندە نەپىقە قىلغان نەرسىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بېرىدۇ.
- بۇ ھەدىسنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رەببىدىن بايان قىلغان بولۇپ، بۇ ھەدىس قۇدسىي ياكى ھەدىس ئىلاھىي دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ ھەدىسنىڭ لەپزى ۋە مەنىسى ئاللاھ تائالادىن، لېكىن بۇ تۈردىكى ھەدىس باشقا ھەدىسلەردىن پەرقلىق بولسىمۇ ئۇنىڭدا قۇرئان كەرىمنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە خۇسۇسىيەتلىرى يوقتۇر. چۈنكى قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىش ئىبادەت، تاھارەت بىلەن تۇتۇش، مۆجىزىلىك ۋە باشقىلارنى ئۇنىڭ ئۆخشىشىنى كەلتۈرۈشتىن ئاجىزلاشتۇرۇش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەر يوقتۇر.