- ئۇلۇغلاش ۋە ماختاشتا شەرئى بەلگىلىمىدىن ئاشۇرىۋېتىشتىن ئاگاھلاندۇردى، چۈنكى ئۇ شېرىككە ئېلىپ بارىدۇ.
- پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاگاھلاندۇرغان ئىش مۇشۇ ئۈممەتتە يۈز بەردى، بىر تۈركۈم كىشىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام توغرىسىدا چەكتىن ئاشۇرىۋەتتى، يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى توغرىسىدا چەكتىن ئاشۇرىۋەتتى، يەنە بىر تۈرلۈك كىشىلەر ئەۋلىيالار توغرىسىدا چەكتىن ئېشىپ شېرىككە چۈشۈپ قالدى.
- پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنى ئاللاھنىڭ قۇلى دەپ سۈپەتلىدى ۋە ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، رەببىنىڭ خۇسۇىسيەتلىرىدىن بولغان ھېچ قانداق بىر ئىشنى ئۆزىگە سەرپ قىلىشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
- پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنى ئاللاھنىڭ رەسۇلى دەپ سۈپەتلىدى ۋە ئۆزىنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچى ئىكەنلىكىنى، ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە تەستىقلاش ۋە ئەگىشىشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بەردى.