/ سىلەرنىڭ بىرىڭلار قورقمامدۇ؟! ياكى سىلەرنىڭ بىرىڭلار بېشىنى ئىمامدىن بۇرۇن كۆتەرسە ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ بېشىنى ئېشەكنىڭ بىشىغا ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى سۈرىتىنى ئېشەكنىڭ سۈرىتىگە ئايلاندۇرىۋېتىشىدىن قورقمامدۇ؟...

سىلەرنىڭ بىرىڭلار قورقمامدۇ؟! ياكى سىلەرنىڭ بىرىڭلار بېشىنى ئىمامدىن بۇرۇن كۆتەرسە ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ بېشىنى ئېشەكنىڭ بىشىغا ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى سۈرىتىنى ئېشەكنىڭ سۈرىتىگە ئايلاندۇرىۋېتىشىدىن قورقمامدۇ؟...

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سىلەرنىڭ بىرىڭلار قورقمامدۇ؟! ياكى سىلەرنىڭ بىرىڭلار بېشىنى ئىمامدىن بۇرۇن كۆتەرسە ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ بېشىنى ئېشەكنىڭ بىشىغا ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى سۈرىتىنى ئېشەكنىڭ سۈرىتىگە ئايلاندۇرىۋېتىشىدىن قورقمامدۇ؟».
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىمامدىن بۇرۇن بېشىنى كۆتۈرگەن كىشىنىڭ بىشىنى ئاللاھ تائالانىڭ ئېشەكنىڭ بىشىغا ئوخشاش ياكى سۈرىتىنى ئېشەكنىڭ سۈرىتىگە ئوخشاش قىلىپ قويىدىغانلىقىدىن ئىبارەت قاتتىق ئازابنى بايان قىلىپ بەردى.

Hadeeth benefits

  1. ئىمام بىلەن ئىمامغا ئىقتىدا قىلغۇچى ئۈچۈن تۆت تۈرلۈك ھالەت بولىدۇ، ئۈچ تۈرلۈك ھالەت چەكلىنىدۇ، ئۇ بولسىمۇ: ئىمامدىن بۇرۇن بېشىنى كۆتۈرۈش، ئىمام بىلەن باراۋەر كۆتۈرۈش ۋە ئىمامدىن بەك كېيىن كۆتۈرۈش، ئىمامغا ئەگەشكۈچى ئۈچۈن پەقەت ئىمامغا ئەگىشىشلا يولغا قويۇلغاندۇر.
  2. نامازدا ئىمامغا ئىقتىدا قىلغان كىشىنىڭ ئىمامغا ئەگىشىشى ۋاجىپتۇر.
  3. نامازدا ئىمامدىن بۇرۇن بېشىنى كۆتۈرگەن كىشىنىڭ بىشىنى ياكى شەكلىنى ئېشەكنىڭ سۈرىتىگە ئۆزگەرتىۋېتىدىغانلىقى توغرىسىدا كەلگەن ئازاب يۈز بېرىشى مۇمكىن، ئۇ بولسىمۇ سۈرەتنى مۇبەددەل قىلىۋېتىشتىن ئىبارەتتۇر.