/ كىشىلەرنىڭ ئەڭ ناچىرى نامازىنى ئوغۇرلىغۇچىدۇر»، ئەبۇ ھۈرەيرە: نامىزىنى قانداق ئوغۇرلايدۇ؟ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «نامازنىڭ رۇكۇ ۋە سەجدىلىرىنى تولۇق ئادا قىلمايدۇ» دېدى...

كىشىلەرنىڭ ئەڭ ناچىرى نامازىنى ئوغۇرلىغۇچىدۇر»، ئەبۇ ھۈرەيرە: نامىزىنى قانداق ئوغۇرلايدۇ؟ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «نامازنىڭ رۇكۇ ۋە سەجدىلىرىنى تولۇق ئادا قىلمايدۇ» دېدى...

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « كىشىلەرنىڭ ئەڭ ناچىرى نامازىنى ئوغۇرلىغۇچىدۇر»، ئەبۇ ھۈرەيرە: نامىزىنى قانداق ئوغۇرلايدۇ؟ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «نامازنىڭ رۇكۇ ۋە سەجدىلىرىنى تولۇق ئادا قىلمايدۇ» دېدى.
ئىبنى ھىببان"سەھىھ ئىبنى ھىببان"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەرنىڭ ئەڭ ناچىرى ئۆزىنىڭ نامىزىنى ئوغۇرلىغان كىشى ئېكەنلىكىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، چۈنكى باشقىلارنىڭ مېلىنى ئوغۇرلىغان كىشى ئۇنىڭ بىلەن مۇشۇ دۇنيادا مەنپەئەتلىنىدۇ، ئەمما نامىزىنى ئوغۇرلىغان كىشى بولسا، ئۆزىنىڭ ئېرىشىدىغان ئەجىر-ساۋاپتىن بولغان ھەققىنى ئوغۇرلىغان بولىدۇ. ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئىنسان ئۆزىنىڭ نامىزىنى قانداق ئوغۇرلايدۇ؟ دەپ سورىغان ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «نامازنىڭ رۇكۇ ۋە سەجدىلىرىنى مۇكەممەل تولۇق ئادا قىلمايدۇ، رۇكۇ ۋە سەجدىنى ئالدىراپ قىلىپ، مۇكەممەل شەكىلدە ئادا قىلمايدۇ»دېدى.

Hadeeth benefits

  1. نامازنى مۇكەممەل تولۇق ئوقۇشقا، ئۇنىڭ پەرز-ۋاجىپلىرىنى سالماقلىق بىلەن ۋە خۇشۇ بىلەن ئادا قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى.
  2. نامىزىنىڭ رۇكۇ-سەجدىلىرىنى تولۇق ئادا قىلمىغان كىشىنى ئوغرى دەپ سۈپەتلەشتىن بولغان مەقسەت: ئۇ كىشىنىڭ بۇنداق قىلىشتىن ساقلىنىشى ۋە بۇنىڭ ھارام ئىكەنلىكىگە ئاگاھلاندۇرۇشتۇر.
  3. نامازدا رۇكۇ ۋە سەجدىنى تولۇق قىلىش، ئۇ ئىككىسىدە ئوتتۇرھال بولۇشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.