- ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىش بولسا ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتۇر، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىش ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىشتۇر.
- پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىش جەننەتنى ۋاجىپ قىلىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئاسىيلىق قىلىش دوزاخنى ۋاجىپ قىلىدۇ.
- مۇشۇ ئۈممەتتىن ھەقگە ئىتائەت قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ جەننەتكە كېرىدىغانلىقى، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئاسىيلىق قىلغانلارنىڭ دوزاخقا كېرىدىغانلىقىدىن بىشارەتتۇر.
- پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈممىتىگە بەك كۆيۈنەتتى ۋە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ھىدايەت تىپىشىغا ھېرىسمەن ئىدى.