- نامازنىڭ ئاخىرىدىكى تەشەھھۇتتا ئوقۇيدىغان دۇئانىڭ شەكلىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.
- ناماز ئوقۇش جەريانىدا يۈز بېرىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەر چوقۇم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان دەلىللەر بىلەن بولىشى كېرەك، ھېچ بىر كىشى ئۈچۈن نامازدا سۈننەتتە ئىسپاتلانمىغان سۆز-ھەرىكەتلەرنى قىلىشى توغرا بولمايدۇ.
- نامازنىڭ ھەرىكەتلىرىنى ئىمامدىن بۇرۇن قىلىشمۇ ياكى ئىمامدىن بەك كېچىكىپ قىلىشمۇ توغرا بولمايدۇ، ئىمامغا ئىقتىدا قىلغۇچىنىڭ نامازنى ئادا قىلىشتا ئىمامنىڭ ھەرىكەتلىرىگە ئەگىشىشى يولغا قويۇلغان.
- پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دىننى يەتكۈزۈشكە ۋە ئۈممىتىگە دىنى ھۆكۈملەرنى بىلدۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.
- ئىمام دېگەن ئىقتىدا قىلغۇچىغا ئۆلگە بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن نامازدىكى ھەرىكەتلەردە ئىمامدىن ئىلگىرى بولىۋېلىشى ياكى ئىمام بىلەن باراۋەر بولىۋېلىشى ياكى ئىمامدىن بەك كېچىكىپ ئادا قىلىشى توغرا بولمايدۇ، بەلكى ئۆزى قىلماقچى بولغان ھەر قانداق ھەرىكەتنى ئىمامنىڭ باشلىغانلىقى تەكىت بولغاندىن كېيىن ئىمامغا ئەگىشىپ قىلىشى كېرەك بولىدۇ.
- نامازغا تۇرغاندا سەپنى تۈز قىلىشنىڭ مۇھىملىقى بايان قىلىنىدۇ.