- پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇيالايدىغان تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا سۈرە ئوقۇسا توغرا بولمايدۇ.
- قەستەنلىك بىلەن بولسۇن ياكى بىلمەسلىكتىن ياكى ئۇنتۇپ قالغانلىقتىن بىرەر رەكەتتە پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇمىسا بۇ رەكەت ھېساب بولمايدۇ، چۈنكى پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇش پەرزدۇر، پەرز ھەرقانداق ھالەتتە ساقىت بولمايدۇ.
- ئەگەر نامازغا كېچىكىپ قالغۇچى ئىمام رۇكۇ قىلىۋاتقان ھالەتتە نامازغا كىرگەن بولسا، ئۇ كىشىدىن پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇش ساقىت بولىدۇ.