/ ئۇلار بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئەھدە نامازدۇر، نامازنى تەرك قىلغان كىشى كاپىر بولىدۇ

ئۇلار بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئەھدە نامازدۇر، نامازنى تەرك قىلغان كىشى كاپىر بولىدۇ

بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۇلار بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئەھدە نامازدۇر، نامازنى تەرك قىلغان كىشى كاپىر بولىدۇ».

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمان بىلەن ئۇلارنىڭ غەيرىدىكى كاپىر، مۇناپىقلار ئارىسىدىكى ئەھدىنىڭ ناماز ئىكەنلىكى، نامازنى تەرك قىلغان كىشىنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى.

Hadeeth benefits

  1. دىندا نامازنىڭ ئورنى ئۇلۇغدۇر. ناماز مۇئ‍مىن بىلەن كاپىر ئارىسىنى ئايرىغىچىدۇر.
  2. ئىسلامى ھۆكۈملەر كىشىلەرنىڭ كۆرۈنىشىگە قارىتا ئىسپاتلىنىدۇ، باتىنى ئاللاھقا تاپشۇرىلىدۇ.