- ئىبادەتنىڭ قۇرۇلمىسى كىتاپ-سۈننەتتە كەلگەن دەلىلگە كۆرە بولىدۇ، ئاللاھ تائالاغا بىدئەت، خۇراپات ۋە يېڭىدىن پەيدا قىلغان يول بويۇنچە ئىبادەت قىلمايمىز بەلكى شەرىئەت يولغا قويغان دەلىل بويۇنچە ئىبادەت قىلىمىز.
- دىن دېگەن كۆز قاراش ۋە چىرايلىق كۆرۈش بىلەن بولمايدۇ، ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش بىلەن بولىدۇ.
- بۇ ھەدىس دىننىڭ مۇكەممەل بولغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر.
- بىدئەت دېگەن: ئەقىدە، سۆز-ھەرىكەتلەردىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلارنىڭ دەۋرىدە بولمىغان، كېيىن دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان بارلىق نەرسىلەردۇر.
- بۇ ھەدىس ئىسلامنىڭ ئاساسىدىن بىر ئاساستۇر، بۇ ئەمەللەر ئۈچۈن ئۆلچەمگە ئوخشاشتۇر، ھەرقانداق ئەمەل بىلەن ئاللاھنىڭ رازىلىقى مەقسەت قىلىنمىسا ئۇنى قىلغان كىشىگە ئەجىر-ساۋاپ بېرىلمەيدۇ. ھەر قانداق ئىش-ھەرىكەت پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىسىگە مۇۋاپىق بولمايدىكەن ئۇ ئىش قىلغۇچىنىڭ ئۆزىگە قايتۇرىلىدۇ.
- يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلار؛ دىنى ئىبادەتلەردىن بولسا چەكلىنىدۇ ئەمما دۇنيا ئىشلىرىدىن بولسا چەكلەنمەيدۇ.