- سۈرە پاتىھەنىڭ ئۇلۇغلىقى سەۋەبىدىن، ئاللاھ تائالا پاتىھە سۈرىسىنى ناماز(يەنى دۇئا) دەپ ئاتىدى.
- ئاللاھ تائالانىڭ بەندىسىگە ئىنتايىن بەك كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى، بەندە ئاللاھ تائالانى ماختىغاندا، ئاللاھ تائالا بەندىسىنىڭ ئۆزىنى ماختىغانلىقى، مەدھىيەلىگەنلىكى ۋە ئۇلۇغلىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا سورىغان نەرسىسىنى بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى.
- بۈ ئېسىل سۈرە ئاللاھنى مەدھىيەلەش، قىيامەتنى ئەسلەش، ئاللاھقا دۇئا قىلىش، ئىبادەتنى ئىخلاس بىلەن قىلىش، توغرا يولغا باشلاشنى سوراش، باتىل يوللاردا مېڭىپ قىلىشتىن ساقلىشىنى تىلەشنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.
- ناماز ئادا قىلغۇچى پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇغاندا مۇشۇ ھەدىسنى ھېس قىلسا ئۇ كىشىنىڭ نامازدىكى خۇشۇسى زىيادە بولىدۇ.