- ياخشى ئەمەللەر پەزىلەتتە پەرقلىق بولغانغا ئوخشاش گۇناھمۇ كاتتىلىقتا پەرقلىق بولىدۇ.
- گۇناھنىڭ ئەڭ كاتتىسى: ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈش، ئۇنىڭدىن كېيىن نامراتلىقتىن قورقۇپ ئۆزىنىڭ بالىسىنى ئۆلتۈرۈش، ئۇنىڭدىن كېيىن خوشنىسىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىش قاتارلىقلار.
- رىزىق ئاللاھنىڭ قولىدا، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بارلىق مەخلۇقاتلارغا رىزىق بېرىشكە كاپالەتلىك قىلدى.
- خوشنىنىڭ ھەققى كاتتىدۇر، خوشنىغا ئەزىيەت يەتكۈزۈشنىڭ جىنايىتى باشقىلارغا ئەزىيەت يەتكۈزۈشنىڭ جىنايىتىدىن بۈيۇكتۇر.
- ھەممىنى ياراتقۇچى، ھېچ قانداق شېرىكى يوق، يالغۇز ئاللاھ ئىبادەتكە لايىقتۇر.