- بالىلار بالاغەتكە يىتىشتىن بۇرۇن ئۇلارغا دىنى بىلىملەرنى تەلىم بېرىش، ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم بولغىنى نامازدۇر.
- كېچىك بالىلارنى ئەدەپلەش دېگەن ئۇلارنى ئۇرۇپ ئازابلاش ئەمەس بەلكى ئۇلارنى ئەھۋالىغا مۇناسىپ ھالەتتە ئەدەپلەش دېمەكتۇر.
- ئىسلام شەرىئىتى ئىنساننىڭ ئابرۇينى قوغداشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنى بۇزۇشقا ئېلىپ بارىدىغان بارلىق ئامىللارنى چەكلىدى.