- مۇئەززىنگە ئەگىشىشكە رىغبەتلەندۈرۈش.
- مۇئەززىنگە ئەگىشىپ بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاشنىڭ پەزىلىتى.
- پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاپ بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈچۈن جەننەتتىكى ئالى مەرتىۋىنى سوراشقا رىغبەتلەندۈرۈش.
- بۇ ئالى مەرتىۋە بەك ئۇلۇغ ۋە كاتتا بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدىن پەقەت بىر كىشىلا لايىق بولىدۇ.
- ئاشۇ ئالى مەرتىۋېگە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ خاس قىلىنغانلىقىنىڭ پەزىلىتىنىڭ بايانى.
- پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈچۈن ئاللاھ تائالادىن ئالى مەرتىۋە سورىغان كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ شاپائىتىگە لايىق بولىدۇ.
- ئۇ ئالى مەرتىۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا لايىق بولاپ تۇرۇغلۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كەمتەرلىك قىلىپ ئۈممىتىدىن ئۇ مەرتىۋېنى تىلەپ ئۆزى ئۈچۈن دۇئا قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
- ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى، رەھمىتىنىڭ ئىنتايىن كەڭرى ئىكەنلىكى، بىر ياخشىلىق ئۆزىنىڭ ئون باراۋېرىدە بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.