- ئىماننىڭ دەرىجىلىرى پەرقلىق بولۇپ بەزىسى بەزىسىدىن ئەۋزەل بولىدۇ.
- ئىمان دېگەن؛ سۆز، ئەمەل ۋە ئېتىقادتىن ئىبارەتتۇر.
- ئاللاھ تائالادىن ھەقىقى ھايا قىلىش دېگەن: ئاللاھ چەكلىگەن ئىشىدا سېنى كۆرمەسلىك ۋە بۇيرىغان ئىشىدا سېنى يوقۇتۇپ قويماسلىقنى تەقەززا قىلىدۇ.
- ساننى زىكىر قىلىش ئۇنىڭدىلا توختاشنى مەقسەت قىلمايدۇ، بەلكى ئىماننىڭ دائىرىسىگە كېرىدىغان ئەمەللەرنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، چۈنكى ئەرەپلەر بىر نەرسىلەر ئۈچۈن ساننى زىكىر قىلىدۇ لېكىن ئۇنىڭدىن ئارتۇق بولغىنىنى رەت قىلىشنى مەقسەت قىلمايدۇ.