- ئايالنىڭ ھەيز كۈنى ئاخىرلاشقاندا يۇيۇنۇش ۋاجىپ بولىدۇ.
- خۇن كېسلى بولغان ئايالغىمۇ ناماز ۋاجىپتۇر.
- ھەيز دېگەن: بالىياتقۇ پۈركىگەن تەبىئى قان بولۇپ، ھەر ئايدا مەلۇم كۈنلەر بالاغەتكە يەتكەن ئايالنىڭ جىنسى ئەزا يولىدىن چىقىدۇ.
- خۇن كېسىلى دېگەن: ھەيز ۋاقتىنىڭ غەيرىدە بالىياتقۇنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىن كېلىدىغان قاندىن ئىبارەتتۇر.
- ھەيز قىنى بىلەن خۇن كېسىلىنىڭ قىنىنىڭ ئارىسىدىكى پەرق: ھەيز قىنى قارا، قويۇق، پۇرىقى سېسىق كېلىدۇ، ئەمما خۇن كېسىلىنىڭ قىنى بولسا، قىزىل، سۇيۇق، سېسىق پۇرىقى يوق ھالەتتە كېلىدۇ.