- پۇتىدىكى ئاياغقا مەسىھ قىلىش بولسا كېچىك تاھارەتسىزلىكتىن تاھارەت ئالغاندا بولىدۇ، ئەمما چوڭ تاھارەتسىزلىكتىن يۇيۇنغان ۋاقىتتا ئايىغىنى سېلىپ چوقۇم ئىككى پۇتىنىمۇ يۇيىشى كېرەك.
- مەسىھ قىلىش دېگەن: ھۆل قولىنى ئاياغنىڭ ئۈستى تەرىپىگە سىلاشتىن ئىبارەتتۇر.
- ئىككى ئاياغقا مەسىھ قىلىش ئۈچۈن ئۇ ئاياغنى ئىككى پۇتىنى يۇيۇپ كامىل تاھارەت ئېلىپ كىيگەن بولىشى، ئاياغنىڭ پاك بولىشى، پۇتىدىن يۇيۇش پەرز بولغان ئورۇننى ياپىدىغان بولىشى شەرت قىلىنىدۇ، پۇتىغا مەسىھ قىلىش كېچىك تاھارەتسىزلىكتىن تاھارەت ئالغاندا بولىدۇ، جۇنابەتتىن ياكى يۇيۇنۇش ۋاجىپ بولغان ئەھۋالدا بولمايدۇ. مەسىھ قىلىشنىڭ ۋاقتى: شەرىئەتتە بېكىتىلگەن بويىنچە مۇقىم ئۈچۈن بىر كىچە-كۈندۈز، مۇساپىر ئۈچۈن ئۈچ كىچە-كۈندۈز بولىدۇ.
- پايپاق، ئۆتۈك، قونجۇلۇق ئاياغ قاتارلىق ئىككى پۇتىنى ھوشۇقى بىلەن قېتىپ يۆگەيدىغان ھەر قانداق نەرسە ئاياغقا قىياس قىلىنىپ ئۇنىڭغا مەسىھ قىلىش دۇرۇس بولىدۇ.
- پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقىنىڭ گۈزەللىكى ۋە مۇغىيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئايىغىنى تارتىپ سالدۇرماقچى بولغاندا ئۇنىڭغا تەلىم بېرىش ۋە ئۇنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىپ: ئۇنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىش ۋە ھۆكۈمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى پۇتىنى يۇيۇپ پاك ھالەتتە كىيگەنلىكىنى بىلدۈردى.