- ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئارتۇقچىلىقى، ئۇ كىشىنى ھايا ۋاستە بىلەن بولسىمۇ سوئال سوراشتىن چەكلەپ قويمىدى.
- ئورنىغا بىرسىنى ئەۋەتىپ پەتىۋا سورىسا دۇرۇس بولىدۇ.
- پايدىلىق ئىشلاردا ئىنسان ئۆزى ھايا قىلىدىغان ئىشلاردىن خەۋەر بەرسە دۇرۇستۇر.
- مەزىي نىجىستۇر، ئۇنى بەدەندىن ۋە كىيىمدىن يۇيىۋېتىش ۋاجىپ بولىدۇ.
- مەزىينىڭ چىقىشى تاھارەتنى بۇزىدىغان ئامىللاردىندۇر.
- يەنە بىر ھەدىستە بايان قىلىنغانغا كۆرە: ئەۋرىتى بىلەن بىرگە تاشاقنىمۇ يۇيۇش ۋاجىبتۇر.