- بۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ سۈننىتى بولۇپ، ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ئىشلاردىندۇر، ئاللاھ تائالا بۇنىڭغا بۇيرۇپ، مۇكەممەللىك، پاكىزلىق ۋە گۈزەللىككە دەۋەت قىلىدۇ.
- بۇ ئىشلارنى قىلىپ تۇرۇش، ئۇنىڭدىن غاپىل قالماسلىق كېرەك بولىدۇ.
- بۇ ئىشلارنىڭ دىنى ۋە دۇنيالىق تەرەپتىن پايدىسى بار، ئۇ پايدىلاردىن: شەكلىنى چېرايلىق قىلىش، بەدىنىنى پاكىزە قىلىش، پاكىزلىقتا ئېھتىياتچان بولۇش، كاپىرلارغا ئوخشىماسلىق ۋە ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇش.
- باشقا ھەدىسلەردە بۇ خىسلەتلەرگە زىيادە قىلىنىپ يەنە بەزى ئىشلار سۆزلەندى: مىسۋاك قىلىش، ساقال قويۇش قاتارلىقلار.