- ئاخىرەتتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈچۈن بولغان شاپائەتنى ئىسپاتلاش، چۈنكى ئۇ شاپائەت پەقەتلا ئاللاھنى بىر دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان مۇۋەھھىدلەرگىلا بولىدۇ.
- پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ شاپات قىلىشى بولسا ئۇ ئاللاھنى بىر دېگۈچى مۇۋەھھىدلەردىن دوزاخقا ھەقلىق بولغان كىشىنىڭ دوزاخقا كىرمەسلىكى ياكى دوزاخقا كېرىپ بولغان كىشىنىڭ دوزاختىن چېقىشى ئۈچۈن ۋاستە بولۇشتىن ئىبارەتتۇر.
- ئاللاھ ئۈچۈن بولغان خالىس تەۋھىد كەلىمىسىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ تەسىرىنىڭ كاتتا بولىدىغانلىقى.
- تەۋھىد كەلىمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بولسا ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلىش ۋە تەقەززاسى بويۇنچە ئەمەل قىلىش بىلەن بولىدۇ.
- ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەزىلىتى ۋە ئىلىمغا بولغان ھېرىسمەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.