- تاھارەتنىڭ ئەۋۋىلىدە گەرچە ئۇيقۇدىن تۇرمىغان بولسىمۇ قولىنى سۇ قاچىسىغا كېرگۈزۈشتىن ئىلگىرى ئىككى قولىنى يۇيىۋېتىشنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقى، ئەمما ئۇيقىدىن ئويغانغان كىشىنىڭ يۇيىشىنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.
- ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىغا دەرىسنى چۈشەندۈرۈشتە ئوقۇغۇچىنىڭ ئېسىدە قالىدىغان ۋە چۈشىنىشى پۇختا بولىدىغان يولنى تاللىشى كېرەك بولىدۇ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن تەلىم بېرىشمۇ بۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
- نامازخان نامازنىڭ مۇكەممەل ۋە تولۇق ئادا بولىشى، نامازنى ھوزۇرى دىل بىلەن ئادا قىلىشى ئۈچۈن نامازغا تۇرغاندا كۆڭلىدىن دۇنياغا ئالاقىدار ئىشلارنى چېقىرۋېتىشى كېرەك. نامازدا تۈرلۈك پىكىرلەرنىڭ كۆڭلىگە كېلىپ قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، نامازدىن بۇرۇن قەلبىنى ئىبادەتكە ھازىر تۇتۇشى لازىم.
- تاھارەتتە ئوڭدىن باشلاش ياخشىدۇر.
- ئېغىزىنى چايقاش بۇرنىغا سۇ كىرگۈزۈش ۋە چېقىرىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ئارىسىنى تەرتىپ بىلەن قىلىش يولغا قويۇلغاندۇر.
- يۈز، ئىككى قول ۋە ئىككى پۇتنى ئۈچ قېتىمدىن يۇيۇش مۇستەھەبتۇر. بىر قېتىملا يۇيۇش ۋاجىپتۇر.
- ئاللاھ تائالانىڭ ئىلگىىركى گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلىشى ئىككى ئىشقا مەركەزلىشىدۇ: يۇقىرىقى ھەدىستە بايان قىلىنغان سۈپەت بويۇنچە تاھارەت ئېلىش ۋە ئىككى رەكەت ناماز ئادا قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
- تاھارەتتە يۇيىدىغان ھەر بىر ئەزانىڭ بەلگىلىمىسى بار: يۈزىنىڭ بەلگىلىمىسى ئۇزۇنلۇقتا: ئادەتتە بېشىنىڭ چاچ ئۈنگەن يېرىدىن باشلاپ ساقالدىن ۋە ئېگەكنىڭ ئاستىغىچە، توغىرلىقتا: ئىككى قۇلاقنىڭ ئارىسى، قولنىڭ بەلگىلىمىسى: قولىنىڭ بارماقلىرىنىڭ ئۇچىدىن جەينىكى بىلەن قېتىپ، باشنىڭ بەلگىلىمىسى: ئادەتتە يۈزى تەرەپتىن چاچ ئۈنگەن ئورۇندىن باشلاپ گەدەننىڭ ئۇستۈن تەرىپىگىچە، قۇلاققا مەسىھ قىلىش باشنىڭ جۈملىسىدىن، پۇتنىڭ بەلگىلىمىسى: ئىككى پۇتى ھوشۇقى بىلەن قېتىپ تولۇق يۇيۇلىدۇ.