/ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر بىر ئەزاسىنى بېر قېتىمدىن يۇيۇپ تاھارەت ئالاتتى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر بىر ئەزاسىنى بېر قېتىمدىن يۇيۇپ تاھارەت ئالاتتى

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر بىر ئەزاسىنى بېر قېتىمدىن يۇيۇپ تاھارەت ئالاتتى».
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بەزى ۋاقىتتا تاھارەت ئالغاندا تاھارەتتە يۇيىدىغان ئەزاسىنى بىر قېتىمدىن يۇياتتى، يۈزىنى بىر قېتىم يۇياتتى، ئېغىزىغا ۋە بۇرنىغا سۇ ئالاتتى، ئىككى قولى ۋە ئىككى پۇتىنى بىر قېتىمدىن يۇياتتى. بۇ تاھارەتتىكى ۋاجىپنىڭ مىقدارىدۇر.

Hadeeth benefits

  1. تاھارەتتە يۇيىدىغان ئەزالارنى بىر قېتىمدىن يۇيۇش ۋاجىپ بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئارتۇق يۇيۇش مۇستەھەبتۇر.
  2. تاھارەت ئالغاندا ئەزالارنى بەزى ۋاقىتلاردا بىر قېتىمدىن يۇسىمۇ بولىدۇ.
  3. بېشىغا بىر قېتىم مەسىھ قىلسا بولىدۇ.