- ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: ئاللاھنى ئىبادەتتە بىر بىلىش، ئاللاھدىن باشقىغا ئىبادەت قىلىشنى تەرك قىلىشتۇر.
- مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىشنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئىشىنىش، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىلىپ كەلگەن دىنغا ئىشىنىش، ئۇنى تەستىقلاش، ئۇنىڭ ئاللاھ تائالا ئىنسان ۋە جىنلارغا ئەۋەتكەن ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشتىن ئىبارەتتۇر.
- بىلگەن كىشىگە سۆز قىلىش دېگەن، شۈبھىلىك ياكى نادان كىشىگە سۆز قىلغانغا ئوخشىمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى «سەن ئەھلى كىتاپتىن بولغان بىر قەۋىمنىڭ يېنىغا بارىسەن دەپ» ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.
- مۇسۇلمان شەك قىلغۇچىلارنىڭ شۈبھىلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ دىنىنى بىلىدىغان بولۇشنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئىلىم ئوقۇشنىڭ زۆرۈرلىكى بايان قىلىنىدۇ.
- رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەندىن كېيىن يەھۇدىي ۋە ناسارالارنىڭ دىنىنىڭ ئەمەلدىن قالغانلىقى، ئۇلار دۇنيادا ئىسلام دىنىغا كىرمىگۇچە قەدەر قىيامەتتە نىجاتلىققا ئىرىشەلمەيدىغانلىقى، شۇنداقلا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتىشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.