- ئەقىللىق كىشى تەۋبە قىلىشقا ئالدىرىشى كېرەك، چۈنكى ئاللاھ تائالا زالىمنى چوقۇم جازالايدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن خاتىرجەم بولغىلى بولمايدۇ.
- ئاللاھ تائالا زالىملارغا مۆھلەت بېرىشى، ئۇلارنى جازالاشقا ئالدىرىماسلىقى، ئۇلارنى تەدرىجى جازالاش ئۈچۈن بولۇپ، ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلمىسا ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ھەسسىلەپ ئازابلايدۇ.
- زۇلۇم ئاللاھ تائالانىڭ ئۈممەتلەرنى جازالاشنىڭ سەۋەپلىرىدىندۇر.
- ئاللاھ تائالا بىر يۇرت ئەھلىنى ھالاك قىلسا، ھالاك قىلىنغان يۇرتتا سالىھ كىشىلەرمۇ بولىدۇ، ئۇلار قىيامەت كۈنى ئۆزى ۋاپات بولغان ھالەتتىكى ياخشىلىق ئۈستىدە تىرگۈزىلىدۇ، ئۇلارغا ھەممىگە ئومۇم بولغان ئازاب زەرەر يەتكۈزمەيدۇ.