- بۇ ھەدىسنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رەببىدىن بايان قىلغان بولۇپ، بۇ ھەدىس قۇدسىي ياكى ھەدىس ئىلاھىي دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ ھەدىسنىڭ لەپزى ۋە مەنىسى ئاللاھ تائالادىن، لېكىن بۇ تۈردىكى ھەدىس باشقا ھەدىسلەردىن پەرقلىق بولسىمۇ ئۇنىڭدا قۇرئان كەرىمنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە خۇسۇسىيەتلىرى يوق، چۈنكى قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىش ئىبادەت، تاھارەت بىلەن تۇتۇش شەرت، مۆجىزىلىك ۋە ئۇنىڭ ئۆخشىشىنى كەلتۈرۈشتىن ئىنسانىيەتنىڭ ئاجىز كىلىشى قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەر يوق.
- بەندىگە ھاسىل بولىدىغان ئىلىم ۋە ھىدايەت پەقەت ئاللاھنىڭ ھىدايەت قىلىشى ۋە تەلىم بېرىشى بىلەن بولىدۇ.
- بەندىگە يەتكەن ياخشىلىق ئاللاھنىڭ پەزلى بىلەن بولىدۇ، ئۇنىڭغا يەتكەن يامانلىق بولسا ئۆز نەپسى خاھىشى بىلەن بولىدۇ.
- كىمكى ياخشىلىق قىلسا ئۇ ئاللاھنىڭ مۇۋەپپەق قىلىشى بىلەن بولۇپ، ئۇنىڭ مۇكاپىتى ئاللاھنىڭ پەزلىدۇر، ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇن، كىمكى يامانلىقنى تاپسا ئۇ كىشى ئۆزىگە مالامەت قىلسۇن.