- ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق دەپ، ئاللاھنىڭ غەيرىگە چوقۇنىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىنكار قىلىدىغان سۆزنى قىلش ئىسلامغا كىرىشتىكى شەرتتۇر.
- ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: بۇت، ھەيكەل، قەبرە قاتارلىق ئاللاھنىڭ غەيرىدە چوقۇنىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىنكار قىلىش ۋە ئاللاھ تائالانى ئىبادەتتە يەككە-يىگانە دەپ ئېتىقاد قىلىش دېمەكتۇر.
- كىمكى تەۋھىدتە تەۋرەنمەي تۇرۇپ شەرىئەت بۇيرۇغان زاھىرى ئەمەللەرنى تولۇق ئادا قىلىدىكەن، ئۇ كىشىدىن بۇنىڭ ئەكسى كۆرۈلگەنگە قەدەر ئۇنىڭغا چېقىلىش توغرا بولمايدۇ.
- مۇسۇلماننىڭ جېنى، مېلى ۋە يۈز ئابرۇيىغا ھەقسىزلىك قىلىشنىڭ ھاراملىقى بايان قىلىنىدۇ.
- دۇنيادا ھۆكۈم سىرتقى ئەمەللەرگە قارىتا بولىدۇ، ئاخىرەتتە بولسا نىيەت-مەقسەتكە ئاساسەن بولىدۇ.