- پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بىر ئۇلاغقا ئۆزى مېنىپ كەينىگە مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى مىنگەشتۈرگەنلىكى بولسا، رەسۇلۇللاھنىڭ كېچىك پىئىل ۋە كەمتەرلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر.
- پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تەلىم بېرىش ئۇسۇلى، دەيدىغان سۆزگە مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دىققەت قىلىشى ئۈچۈن چاقىرىقنى تەكرار قىلغانلىقى.
- ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھەقىقى مەبۇد يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ رەسۇلى دەپ گۇۋاھلىق بېرىشنىڭ شەرتلىرىدىن، بۇ سۆزنى دېگۈچى شەك قىلماستىن، يالغان سۆزلىمەستىن ئىشەنچ قىلىپ سەمىيمىلىك بىلەن چىن دىلىدىن دېيىشى كېرەك.
- تەۋھىد ئەھلى جەھەننەمدە مەڭگۈ قالمايدۇ، بەزى بىر گۇناھلىرى سەۋەبىدىن جەھەننەمگە كىرسىمۇ پاك بولغاندىن كېيىن چېقىدۇ.
- چىن دىلىدىن دېگەن كىشى ئۈچۈن ئىككى شاھادەت كەلىمىسىنىڭ پەزىلىتى.
- بەزى ئەھۋاللاردا كىلىپ چېقىدىغان زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بەزى ھەدىسلەرنى سۆزلىمەسلىك توغرا بولىدۇ.