- ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلەرگە ۋاجىپ قىلغان ھەقلىرىنى بايان قىلىپ بەردى، ئۇ بولسىمۇ: يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىكتۇر.
- ئاللاھ تائالا ئۆزىدىن بولغان پەزىلەت ۋە نېمەت بىلەن ئۆزىگە ۋاجىپ قىلغان بەندىلەرنىڭ ھەققىنى بايان قىلىپ بەردى، ئۇ بولسىمۇ: ئۇلارنى ئازابلىماسلىق ۋە جەننەتكە كېرگۈزىشتىن ئىبارەتتۇر.
- بۇ ھەدىستە: ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمىگەن تەۋھىد ئەھلىگە كاتتا بىشارەت بار، ئۇلارنىڭ ئاقىۋېتى جەننەتكە كېرىشتۇر.
- مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىلىمنى يوشۇرغاننىڭ گۇناھىغا چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن بۇ ھەدىسنى ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى سۆزلەپ بەردى.
- بۇ ھەدىستە: بەزى ھەدىسلەرنى بەزى كىشىلەرنىڭ يېنىدا سۆزلىمەسلىككە ئاگاھلاندۇرۇش بار، چۈنكى بۇنىڭ مەنىسىنى بىلمىگەن كىشىلەر: بۇ سۆزنىڭ ئاستىدا ئەمەل يوق ۋە شەرىئەتنىڭ بەلگىلىمىلىرىمۇ يوق دەپ چۈشۈنۈپ قىلىش ئېھتىماللىقى بولىدۇ.
- تەۋھىد ئەھلىنىڭ ئاسىيلىرى ئاللاھنىڭ خالىشى ئاستىدا بولىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى خالىسا ئازاپلايدۇ، خالىسا مەغپىرەت قىلىدۇ، ئاندىن ئۇلارنىڭ بارىدىغان ئورنى جەننەت بولىدۇ.